«خەلقئارا غەمگۇزار خرىستىئانلار» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر كىچىك بالىنىڭ «پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
بىر كىچىك بالىنىڭ «پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP

«خەلقئارا غەمگۇزار خرىستىئانلار» تەشكىلاتى 1995-يىلى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغاندىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق دىنى گۇرۇپپىلار بولۇپمۇ خرىستىئانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى كېرەكلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەسىرى چوڭ مۇستەقىل ئورگان. مەزكۇر ئورگان 10-ئىيۇن كۈنى ئاتېئىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدە بىر تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر تور يىغىننىڭ باشقۇرغۇچىسى شۇنداقلا «خەلقئارا غەمگۇزار خرىستىئانلار» پائالىيەت دىرېكتورى ماتىياس پېرتۇلا كىرىش سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى دىنى زۇلۇم ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى دىنى زۇلۇم مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشقا چاقىرىش ۋە خىتاينى ئۆز خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ «خەلقئارا غەمگۇزار خرىستىئانلار» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىلىۋاتقان لاگېر تۈزۈمى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە: «مانا مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقاندا خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تەيىنلەندى. بۇ كىشىنى تولىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغان، تولىمۇ كۈلكىلىك ۋە بۇ كېڭەشنى ئېتىبارىنى پۈتۈنلەي مەسخىرىلىك ھالغا چۈشۈرىدىغان بىر ئىش. خىتاينىڭ بۇ ئورۇندا يېرى بولماسلىقى كېرەك ۋە ئۇنىڭ ئورنى دەرھال بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

«خەلقئارا غەمگۇزار خرىستىئانلار» پائالىيەت دىرېكتورى ماتىياس پېرتۇلا يەنە خىتايدىكى خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنى گۇرۇپپىلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ياش ئەۋلادلارنىڭ كىچىك ياشلىرىدىن تارتىپلا دىنسىزلاشتۇرۇلۇپ، كوممۇنىزمچە ئىدىيە بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بايان قىلدى. ماتىياس پېرتۇلا: «خەلقئارا جامائەت خىتايدىكى دىنى زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەك. مانا بۇ سەۋەبلىك بىز ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىق 7 ئەزانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە قارشى ئېلان قىلغان چاقىرىقىنى قوللايمىز، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى لايىھىسىنى قوللايمىز ۋە ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىمىز» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

مەزكۇر يىغىندا خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىككى كىشى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ۋە يەنە بىرى ۋاشىنگتوندىكى «فالۇن دافا ئۇيۇشمىسى» نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئېرىك مېلتزېرلاردىن ئىبارەت.

زۇبەيرە خانىم سۆزىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىگە مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىغانلىقىنى، ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا كۆرگەن زۇلۇمىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ زۇلۇم ئارتىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈنكىدەك 2 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ لاگېرغا قامىلىشى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كېچىدىكىن تارتىپلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تەربىيەلىنىشتەك ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ ئەمدى ئاتا-ئانىلىرىنى قايتا كۆرەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنىمۇ بايان قىلدى.

ۋاشىنگتوندىكى «فالۇن دافا ئۇيۇشمىسى» نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئېرىك مېلتزېرمۇ فالۇنگۈڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى تىبەت ۋە خرىستىئان ياكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولسۇن ئۇلار پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسىدىن باشقا ھەرقانداق ئىدىيە، ھەرقانداق مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇشىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆز يىلتىزىنى، ئۆزلۈكىنى تېپىۋېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن دىنى گۇرۇپپىلار ۋە مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۆھبەت ئاخىرىدا، ئاڭلىغۇچىلار ئاساسلىق نېمە قىلىش كېرەك، دېگەن مەسىلە ھەققىدە كۆپلەپ سوئال سورىدى. زۇبەيرە خانىم ھازىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالدى بىلەن مۇشۇنىڭدەك خەلقئارالىق شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىلىرىنى قوللاش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا ئېچىلغان ھەرخىل ئىئانە ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلىشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، خالىغانلارنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئالاقە قىلىپ يەنىمۇ كۆپ مەلۇمات ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى بۇ يىغىن دەل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن كۈندە ئېچىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شۇ كۈندىكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

پومپېيو يەنە: «خىتايدا بارلىق دىنلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش داۋاملىق كەسكىنلەشتى. خىتاي كومپارتىيەسى دىنىي تەشكىلاتلارنى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇق قىلىپ، دىنىي ئىبادەتكە كوممۇنىستىك دوگمىنى سۆرەپ كىردى» دېگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك ۋە تۋىتتېردىكى ھېسابىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە ئەرلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى چىقىرىپ تۇرۇپ مايك پومپېيونىڭ «بىز دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايمىز. خىتاي ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىگە ئاچقان جېڭىنى ئون يىللاردىن بېرى داۋام قىلماقتا» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت