خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
2018.02.05

بۇنىڭدىن 21 يىل بۇرۇن، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم دىنىي زاتلارنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى مەشرەپ پائالىيىتىنى چەكلىشىگە قارشى تىنچلىق نامايىشى تەشكىللىگەن ئىدى. ئەپسۇسكى شۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇلدى ھەمدە نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىندى. بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى جازا مۇددىتىنى تاماملاپ تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، يەنە بەزى كىشىلەر تېخىغىچە تۈرمىدە ياتماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «نامايىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا 11 كىشى ئۆلدى» ؛ دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ؛گە شاھىت بولغانلار شۇ قېتىمقى ۋەقەدە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 1998-يىلىدىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق «5-فېۋرال ۋەقەسى» ؛نى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ لوندوندىكى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ شۇ قېتىمقى تىنچلىق نامايىشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى، ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق. لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 35-40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەممە بىردەك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتايلار زۇلۇمنى توختاتسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.
لوندوندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى كەرىم زاھىر ئەپەندى، پائالىيەتنىڭ لوندون ۋاقتى كېچە سائەت 6دىن 8 گىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رەھىمە خانىم، بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالدى.
رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئىشتىراك قىلغان يىل ئىكەن.