پرېزىدېنت دونالد ترامپ 7-نويابىردىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى كۈنى» دە بايانات ئېلان قىلدى
2018.11.09
7-نويابىر كۈنى ئاقساراينىڭ تور بېتىدە «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا ھازىرغا قەدەر پۈتكۈل دۇنيا بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دونالد ترامپ باياناتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان.
بۇلتۇر، يەنى 2017-يىلى 7-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 7-نويابىر كۈنىنى ئامېرىكىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ يىل 7-نويابىر 1917-يىلى رۇسىيەدە پارتلىغان «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» غا 101 يىل بولغان كۈن. بۇ كۈن خەلقئارادا دۇنيادىكى تۇنجى كوممۇنىست ھاكىمىيەت تىكلەنگەن كۈن دەپ قارىلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 7-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۆكتەبىر ئىنقىلابنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۆتكەن 100 يىل مابەينىدە مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دۇنياغا كەلگەن دىكتاتور دۆلەتلەر دۇنيادا 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى،» دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ كوممۇنىزمنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ھېلىھەم دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنى، لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان تىبەت ۋە خىتاي خەلقلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر بايانات ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى مەيدانىنىڭ كەسكىن توندا ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدىكەن.
نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى مەزكۇر باياناتنىڭ دەل جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىزم ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.
نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى يەنە دونالد ترامپنىڭ باياناتىدىكى «كوممۇنىزمدىن ئىبارەت بۇ بەربات بولغان ئىدېئولوگىيىگە چوقۇنغانلار دۇنيادا زۇلۇم-زاۋاللىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، دونالد ترامپنىڭ مەزكۇر باياناتى نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى كوممۇنىزمنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قارىتا خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرماي جىم تۇرۇۋالغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز پوزىتسىيىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىغا بېرىلگەن قاتتىق سىگنال دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تاراتقۇلاردىكى ئانالىزلار ۋە گۇگۇل تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1917-يىلى7-نويابىر كۈنى، يەنى كونا رۇس كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى پېتېربۇرگدا يۈز بەرگەن «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان سىياسىي ئۆزگىرىش بولشېۋىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئىككى سىياسىي لاگېرغا، يەنى كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزم لاگېرىغا ئايرىلىشقا باشلىغان. ئەنە شۇندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بارغانچە كۆپەيگەن. 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن غۇلىغان. ئەمما ئاسىيادىكى خىتاي، شىمالىي كورېيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۇبا قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەردە كوممۇنىست دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەتلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.