ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: خىتاي جاسۇسلىرى پۈتكۈل ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.02.14
FBI-Director-Christopher-Wray-CIA-Director-Mike-Pompeo.jpg ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفېر رېي(سولدىن بىرىنچى) بىلەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى(CIA)نىڭ باشلىقى مايىك پومپېو(سولدىن ئىككىنچى) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا. 2018-يىلى 13-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
AFP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، بەزى ئەمەلدارلار خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كەڭ تارقىلىپ، پۈتكۈل ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقى، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە پروفېسسور، ئىلمىي تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلىتىشتەك غەيرىي ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىۋاتقان ۋاسىتىلىرىنى بۇنداق ئېنىق ئىپادە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشىدۇر.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتىدا چاقىرىلغان مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش مۇدىرىيىتى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى قاتارلىق 6 بىخەتەرلىك-ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى گۇۋاھلىق بەرگەن.

يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر رېي كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئونىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە قانداق تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن.

كرىستوفىر رېي: «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىشخانىلىرى خىتاينىڭ غەيرىي ئەنئەنىۋى ئىستىخباراتچىلارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئىلمىي ساھەدىكى پروفېسسور- تەتقىقاتچى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال نوقۇل چوڭ شەھەرلەردە يۈز بەرمەيۋاتىدۇ. بۇ ئاساسەن كىچىك شەھەرلەردە ۋە پۈتكۈل ساھەلەردە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. لېكىن، ئامېرىكا ئىلمىي ساھەسىنىڭ ئارقىسىدا ئىستىخباراتچىلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى «ساددىلىقى> بۇ ئىشنى تېخىمۇ يامانغا سۆرەۋاتىدۇ» دېگەن.

كرىستوفىر رېينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ تەھدىتىنى نوقۇل ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تەھدىت، دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئۇ، بۇ تەھدىتكە پۈتكۈل ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كرىستوفىر رېي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (خىتاي) بىزنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ۋە ئېچىۋېتىلگەن تەتقىقات ھەم تەرەققىيات مۇھىتىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىز ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئارتۇقچىلىقىمىزدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بىز قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، خىتاينىڭ تەھدىتىنى نوقۇل ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تەھدىت دەپ قارىماسلىق كېرەك. بۇ پۈتۈن جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت. شۇڭا، بۇ تەھدىتكە پۈتۈن جەمئىيەت بىز بىلەن تەڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك».

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئونىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ 240 نەچچە يىللىق تارىخىدا خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان ھازىرقىدەك بۇنداق زور كۆلەملىك تەھدىتكە ئۇچراپ باقمىغانىكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماركو رۇبىئو مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمدا بۇ كومىتېتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالار بۇنىڭغا قېتىلىدۇ، دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتتۇر. بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ 240 نەچچە يىللىق تارىخىدا بۇنداق بىر كۆلەمدىكى رىقابەتچى ۋە رەقىبگە ئۇچراپ باققانمۇ-باقمىغانمۇ بىلمىدى. بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا نۇرغۇن كىشىلەر مەن بىلەن پىكىرداش. خىتاي ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش غەرىزىنى پىلانلىق، سەۋرچانلىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشىۋاتىدۇ. سىز بۇنى ئۇنىڭ غەربنىڭ دېموكراتىيە، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشى ئورنىغا ئۆزىنىڭ مودېلىنى دەسسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۆلەت كۈچى، سودا، ھەربىي، ئىقتىسادى، ئۇچۇر ۋە ئاخبارات، تور ھۇجۇمى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىدا، بىزنىڭ كۆچمەنلەر سىستېمىمىز ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزنى سۈيىستېمال قىلىۋاتقانلىقىدا كۆرەلەيسىز.»

ماركو رۇبىئو يېقىندا فلورىدا شتاتىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مەكتۇپىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. فلورىدادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت يېقىندا بۇ مەكتەپنىڭ قارمىقىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا سىڭىپ كىرىشى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە جىددىي خىرىس پەيدا قىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەركىنلىك، يەنى ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە كەشپىياتچانلىق روھى. قارايدىغان بولساق، ئامېرىكىدا ئىنزھېنىر كۆپ ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر مۇشۇ ئەلدە كەشىپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇ ئىلمىي ئەركىنلىكتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئويلاش ئەركىنلىكى ۋە كەشپىياتچانلىق روھىنىڭ كۈچلۈكلۈكى. بۇ دىرېكتور رېينىڭ بۇنى جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەھدىت دېگىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇلار بىزنىڭكى ھايات يولىمىز، قىممەت قارىشىمىزنى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشىدا ئاساسى ئامىل بولۇۋاتقان ئىلمىي ساھەدىكى ئەركىنلىكنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى يېپىشقا ئۇرۇنۇپ، ھەتتا ئۇنى بىزگە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ بىزگە جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەھدىت، دېگەن نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، دەپ قارايمەن».

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كرىستوفىر رېينىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ۋە يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈچلۈك سىگنال ئىكەن.

نۇرىي تۈركەل: «دىرېكتور رېينىڭ تۈنۈگۈن ئوتتۇرىغا قويغان سۆزى قانداق بېشارەت بېرىدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بىرىنچى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا سىڭىپ كىرىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايمەن. ئىككىنچى، شۇ قىلمىشلاردا بولۇۋاتقانلار قانۇنى جاۋاپكارلىققىمۇ تارتىلىدۇ، دېگەن بېشارەتنى بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆردۈم. چۈنكى، دىرېكتور رېينىڭ ئۆزىمۇ دېدى، بىز مەكتەپلەردەك ئىلمىي سورۇنلاردا بولۇۋاتقان سۆھبەتتىكى تالاش-تارتىش ۋە تەشۋىقاتلاردىن، ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە قايىل قىلىشقا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەردىن خەۋىرىمىز بار، دېگەن گەپلەرنىمۇ قىلدى».

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى دەن كوت، تور بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى ۋە خىتاي ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي كەلگۈسىدىكى يىللاردا شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ساھەلىرىدە داۋاملىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭىيىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.