ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى ئوباما ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدىكى دىنىي ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر چاقىرىقنامە دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان بېسىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ سۆھبەتتە نېمە مەسىلىلەرنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.
ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا باشلاندى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي ۋە مالىيە مىنىستىرى جەك لۈۋ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلىدىغان مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىغا خىتاي دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ياڭ جېچى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى. يۇقىرىدىكى 4 رەھبەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان تېخى تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر سۆھبەتتە بىر ئارىغا كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىنتېرنېت-ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۈركىلىشلەر كۈچەيگەن ۋە خىتاي ئىقتىسادىدا بىر قىسىم داۋالغۇشلار كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكتىن، سۆھبەتنىڭ كۈن تەرتىپى جىددىي بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەردىن ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكى، شىمالىي كورېيە، ئاسىيا قىتئەسىدىكى دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن بولسا مۇھىت مەسىلىسى، ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرى خىتايدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر، ئىمپورت-ئېكىسپورت ۋە پۇل بىرلىكى مەسىلىىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئەمما دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سۆھبەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي ۋە باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى سۆھبەتتە خىتايدىكى دىنىي ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا قول قويغان تۈرلۈك ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدا ھېلىھەم مىڭلىغان دىنىي ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى جىمىقتۇرۇلغانلارنىڭ ۋە ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى بولۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىم ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدا بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك دىنىي گۇرۇپپىىلار ئىچىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەڭ ئېغىرلىقى، ئۇلار ئۈستىدىكى دىنىي بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر باياناتتا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى باشلىقى كاترىنا لەنتۇس سېۋېت خانىمنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تىنچلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تۈرمىگە سولاپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئۆزى قول قويغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرىلەپ بوغۇشى بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا چوڭ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشتا ئورتاق يول تاپالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى سۇسلاشتۇردى» دەپ ئەسكەرتتى.
كاترىنا خانىم باياناتىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىيگە خىتاب قىلىپ «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو چۈشى» ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغانلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلانماقتا. بىز جون كېررىينى ئۇچرىشىشتا تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.
ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى دەل ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىلاپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۈشەنبە كۈنىدىكى چاقىرىقىدا خىتايدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنىڭ كۈچىيپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھال بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي بېىسمنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا ۋەقەلەرنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە ۋە دىنىي رادىكاللىققا باغلاشنى داۋام قىلماقتا. بۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە يەر شارى ژۇرنىلى مەخسۇس «چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇۋاتقان ئاساسلىق مەنبە» ماۋزۇلۇق باشماقالە ئېلان قىلىپ، تىغ ئۇچىنى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارماق تەشكىلاتلىرىغا قاراتتى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، رايوندىكى ۋەقەلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ قوللاشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى رامكىسى ئىچىدە دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇچرىشىشىدا ئىنتېرنېت خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ۋە ئەقلىي مۈلك جاسۇسلۇقى مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قارىشىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا شېركەتلىرىگە قىلىنىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ئاساسەن خىتايغا چېتىشلىق بولۇپ، خىتاي خەلقئارا ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقىدىكى ئەڭ ئاساسلىق دۆلەت. شۇڭا ئامېرىكىدىكى تور بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئورگانلار ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى بېىسمنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى خىتاي تېزگىنلەشكە چاقىرماقتا. دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە بىر قىسىم پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.