ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.01.27
awstraliye-uyghur-parat-2017.jpg ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار
RFA/Haji Qutluq Qadiri


26-يانۋار ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئادىلايت شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە مەزكۇر شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر كوللېكتىپ ھالدا قاتناشقان.

ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىر ئاپتوموبىلنى رەڭدار ئەتلەسلەر بىلەن مەخسۇس بىزەپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كېيىشىپ، مەردانە ۋە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، رەئىس سەھنىسىدىن ئۆتكەندە مەزكۇر پاراتنى تاماشا قىلىۋاتقان يۈز مىڭدىن ئوشۇق كىشى ئۇيغۇر پاراتچىلىرىنى قىزغىن ئالقىشلىغان.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار
پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە باشلىنىپ كەچ سائەت يەتتىدە ئاخىرلاشقان.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ۋە باشقا پاراتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.