ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ 100 ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەن
2015.10.10
شەنبە كۈنى ئەتىگەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ 100 ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەن، 246 ئادەم يارىلانغان.
ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنى زامان تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك ھېسابلىنىدىغان بۇ پارتلاشتا ئاز دېگەندە 97 ئادەم ئۆلگەن.
پارتلاش ئەنقەرە شەھەردىكى ئاساسىي ۋوگزال ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. پارتلاشتا ۋوگزالىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان.
پارتلاش تۈرك ھۆكۈمىتى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى (پكك) ئارىسىدا تىنچلىقى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش داۋامىدا يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا نەق مەيداندا 1400 ئادەم نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئىكەن.
بومبا ئەتىگە سائەت 10 دىن سەل ئۆتكەندە پارتلىغان. ھالبۇكى، بومبىنىڭ ئادەمبومبا ئىكەنلىكى، ياكى نامايىشتىن بۇرۇن ئورنىتىلغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان.
ھازىرچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات ئوتتۇرىغا چىقىپ مەزكۇر بومبا ھۇجۇمدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.
بۇ يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىمقى چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى.
بۇ يىل 20-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ سۇرۇج شەھىرىدە ئوخشاش شەكىلدىكى نامايىش بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 33 ئادەم قازا قىلغان ئىدى.
كېيىن دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ ئادەمبومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكى، ھۇجۇمنى ئىسلام دۆلىتىنى ياقىلايدىغان بىر ئايال ھۇجۇمچى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە نۆۋەتتە كۇرد توپىلاڭچىلىرى ۋە ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك تېررورلۇق، سىياسىي مۇقىمسىزلىق، ئىقتىسادىي ئەنسىزلىك ۋە تۈركىيەدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرى قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك تۇراقسىزلىق ئامىللىرىغا دۇچ كەلگەن.
بۇ يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ساقچى، ھەربىي خادىملارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، تۈركىيە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ تۈركىيەگە چېگرىلىنىدىغان جايلىرىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان ئىدى.