د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى
2014.08.18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان 31 - ئىيۇلدىن 17 - ئاۋغۇستقىچە قىرغىزىستاندا سەپەردە بولۇپ، بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە جامائەت ۋەكىللىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
بۇ جەرياندا ئەسقەرجان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتىگە يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، قۇرۇلتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن تونۇلۇشى، ئۇيغۇر ئىلىدە ئۈزۈلمەستىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقلىرى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدىكى رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
تۈۋەندە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازادنىڭ ئەسقەرجان بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.