تۈركىيە پرېزىدېنتى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن : «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچىنچى مەسىلە بولۇپ كۈن تەرتىپكە كەلدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.07.30
erdoghan-xi-shi-jinping-2015.jpg تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭ بىلەن بىللە
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر پەيىتتە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەپەندى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بۇ زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۈچىنچى مەسىلە سۈپىتىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تۈركىيىدىكى «بۈگۈن» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن«چاقماق خەۋەر»دەپ تارقاتقان خەۋىرىدە، ئىبراھىم قالىن ئەپەندىنىڭ تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:

«بىرىنچىسى نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا چىقىرىش قارار قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدىكى بايانات
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدىكى بايانات

ئىككى دۆلەت رەئىسىنىڭ ئۇچرىشىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ تېمىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنغان.»

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەپەندى، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىنىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«ئۈچىنچى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە بولدى. بۇ ھەقتە دۆلەت رەئىسىمىز تۈركىيەدە بەرگەن باياناتىنى قايتا تەكىتلىدى. بىز خىتاينىڭ بىر خىتاي دۆلىتى سىياسىتىنى قوللايمىز. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. خىتاينىڭ ئىچىدە ۋە سىرتىدا خىتايغا قارشى، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق پائالىيىتىنى قوللىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.»

ئىبراھىم قالىن ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان مەسىلىلەرنى 4 تېمىدا بولغانلىقىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى، باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۇش سىستېمىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىدىن باشقا سۇرىيە، ئىراق مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»

يەنە بىز ئىگىلىگەن ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن قېچىش مەسىلىسى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئوخشاش مەسىلىلىلەرمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەتبۇئاتتا ئورۇن ئالغان باياناتلاردىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى جەھەتتىن كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىدا نېمە مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، بۇنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ باياناتلىرىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن، پىكىر ئەركىنلىكى، ياشاش ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى تۈزىتىشىشىنى ئۆتۈنگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.»

دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تاشلىغان قەدىمى بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەك جەسۇر. مالايشىيا ۋە تايلاندتىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرغا ساياھەت كىنىشكىسى بېرىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى. كۆپ ساندا ئۇيغۇرغا پۇقرالىق بەردى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ بايانات بەردى. ئەگەر ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا داۋاسى كۈچلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئارقىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.