خاڭجۇ ئايرودرومىدىكى ۋەقە ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.09.06
obama-g-20-xangju.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى (ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر) خاڭجۇغا قونغان كۆرۈنۈشى. 2016-يىلى 3-سېنتەبىر، خاڭجۇ.
AFP

خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ قېتىملىق گ-20 باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى.

بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىغىننى ئوڭۇشلۇق ئېچىش ئۈچۈن ئالغان مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، خاڭجۇ شەھىرىدە ھەددىدىن زىيادە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەتتا شەھەرنى بىكار قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، ئۇيغۇر ئاشپەزلەرنىڭ ئىشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنغان.

دەرۋەقە، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈش جەريانىدا تۇغۇلغان مەسىلە يۇقىرىدىكى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولدى. شۇ كۈنى ئوبامانىڭ ئايروپىلانى خاڭجۇ ئايرودرومىغا قونغاندا، ئۇنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈشى ئۈچۈن يۆتكىلىشچان پەلەمپەي تەمىنلەنمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاننىڭ كەينى ئىشىكىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان ئوباما ئۈچۈن ئادەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈن سېلىنىدىغان قىزىل پاياندازمۇ سېلىنمىغان. بۇنى ئاز دەپ، ئوباما ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇسان رايس ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا ماڭغاندا، خىتاي ئايرودروم بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن توسۇۋېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئايرودرومدىكى خىتاي خادىملىرى ئارىسىدا تالاش -تارتىش چىقىپ، بىر نەپەر خىتاي خادىم «بۇ دېگەن جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگونىڭ ئايرودرومى» دەپ قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىغان.

خاڭجۇ ئايرودرومىدا چىققان بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى تاسادىپىي چىققان ۋەقە ئەمەس، قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەقە دەپ باھالىغان. گاردىيان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خاڭجۇ ئايرودرومىغا قونغان ھىندىستان، رۇسىيە، جەنۇبىي كورېيە، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھەممىسىگە قىزىل پايانداز سالغان ۋە يۆتكىلىشچان پەلەمپەي ئارقىلىق ئۇلارنى ئايروپىلاندىن چۈشۈرگەن. بىراق ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا كەلگەندە، يۆتكىلىشچان پەلەمپەينى ھەيدەيدىغان شوپۇرنىڭ ئىنگلىزچە بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىققان، دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ پەلەمپەي تەمىنلەنمىگەن.

مېكسىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جورج گۇاجاردو گاردىيان گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە بۇنى «قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زاڭلىق قىلىش» دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇنداق ئىشلار ئادەتتە سەۋەنلىكتىن يۈز بەرمەيدۇ. بولۇپمۇ خىتايدەك بىر يەردە. مەن خىتايلار بىلەن 6 يىل ئىشلىدىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بۇنداق زىيارەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇم. شى جىنپىڭنى مېكسىكىغا ئاپاردىم. ئىككى مېكسىكا پرېزىدېنتىنى خىتايدا كۈتۈۋالدىم. خىتايدا بۇنداق ئىشلارنىڭ قانداق تەرتىپ بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئىش ئەمەس. بۇ دېگەن مەنسىتمىگەنلىك. بۇ دېگەن ‹ساڭا دەپ قوياي، سەن بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس› دېگەنلىك. بۇ، خىتاينىڭ يېڭى كۆرۈلۈۋاتقان ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ بىر قىسمى، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ قوزغىتىلىشى، ‹خىتاي دېگەن قۇدرەتلىك، سەن بىز ئۈچۈن پەقەتلا ئادەتتىكى بىرى› دېگەنلىك.»

سابىق مېكسىكا ئەلچىسى يەنە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى «مىللەتچىلىك كارتىسى»نى ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكىدىكى ۋال سترىت ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ غۇرۇرىغا قارشى قۇۋلۇق بىلەن قىلغان ھۇجۇمى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ بۇ ئىشنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا «خىتاي مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە ئىشنى ھەتتا ئايرودرومدا كىمگە پەلەمپەي بېرىش -بەرمەسلىككە ئوخشاش كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دەۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئوباما ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان قىلىۋاتقان بىر قاتار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك -كىچىك ھاقارەت خاراكتېرىدىكى ئىشلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنى ياراتمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ زورىيىۋاتقان سالاھىيىتىنى كۆز -كۆز قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن : «خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئامېرىكىغا تېخى يېتىشەلمىگەن ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئۇنىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ مەقسىتى رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنى دەماللىققا يېڭىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئاستا -ئاستا ئاجىزلاشتۇرۇش». يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايوندىكى شېرىك دۆلەتلىرىگە «ئارقامدا ئامېرىكا بار دەپ بەك ئىشىنىپ كەتمە» دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكىلىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى بىل بىشوپ «گاردىيان» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ يىغىن ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەييارلىق قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئايرودرومدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «بۇ قارماققىلا خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئاجىزلاشقان ۋە تۆۋەن قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە پىلانلانغان بىر ئىش» دېگەن.

بىراق، خىتاي تەرەپ بولسا بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئەكسىچە ئامېرىكا تەرەپنى شۇنداقلا غەرب ئاخباراتلىرىنى ئەيىبلىگەن. بۇندىن سىرت، خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۈگۈن يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئايرودرومدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ «بىر قىسىم ئاخباراتلار خىتاينىڭ يىغىننى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرغىنىنى كۆرۈشنىڭ ئورنىغا خاتالىق سادىر قىلىشىنى ئارزۇ قىلدى. ئەمما يىغىن ئىنتايىن نەتىجىلىك ئاياغلاشتى. جۇڭگو يىغىن جەريانىدا بىر قانچە مەسىلىلەر بىلەن يۈزلەشتى. بىراق بىز، قەتئىي ۋە چىڭ تۇرىدىكەنمىز، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقالايمىز» دېگەن شۇنداقلا بۇ يىغىن ئارقىلىق خىتاينىڭ زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەقەنى چوڭايتىۋېتىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىدى. ۋال ستىرت ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، ئامېرىكا پرىزىدېنتىنىڭ بۇنداق كىچىك ئىشلار بىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتى يوقلۇقىنى ئېيتقان ۋە «دوستلار ئامېرىكىنىڭ كۈچىدىن جىددىيلىشىشى مۇمكىن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرى پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يارايدۇ» دەپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.