گو ۋېنگۇي بىلەن ستېۋىن باننون لاگېرلارغا قامالغان 1 مىليون ئۇيغۇرنى تىلغا ئالدى
2018.11.23
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان خىتاي سودىگەر گو ۋېنگۇي ۋە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچى ستېۋىن باننون ئىككىيلەن 20-نويابىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.بۇ باياناتنىڭ نەق مەيدان تەپسىلاتى يوتۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا تارقالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدا بۇ يىل 7-ئايدا فىرانسىيەدە ھادىسىگە يولۇقتى دېيىلگەن خىتاي خەينەن ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جيەننىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە بايقالغان بەزى گۇمانلىق نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر يىغىندا يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن 100 مىليون دوللارلىق «ئادالەت فوندى» قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
يىغىندا سۆز قىلغان گو ۋېنگۇي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئالغان. ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالغىنىدا ئاۋازى بوغۇلغان ھالدا «مېنىڭمۇ ئاكا-ئىنى قېرىنداشلىرىم تۈرمىدە قاماقتا. شىنجاڭلىقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ بېشىغىمۇ كەلدى،» دېگەن.
بولۇپمۇ يىغىن ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش قىسمىدا پرېزىدېنت دانولد ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ستېۋېن باننۇن بىلەن سودىگەر گو ۋېنگۇينىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر تۇتقۇن ھەققىدە دېگەن گەپلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.
ستېۋىن باننون يىغىن قاتناشچىلىرىدىن ئۇيغۇر يىگىتى ئىنتىزارنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ستېۋېن باننۇن: «ئەگەر ھەر بىر ئادەم ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بۇنى توختىتىشىمىز كېرەك دەپ بىلدۈرسەك شۇنداقلا ھاياتىمىزنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىاغا قارىماي ھەرىكەت قىلىشقا تەييار تۇرساق، رەزىللىك ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مانا بۇ بىردىن-بىر يول، بۇنداق جۈرئەت ئىنساندا چوقۇم بولۇشى كېرەك.» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۇردى .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ستېۋېن باننۇن ۋە سودىگەر گو ۋېنگۇينىڭ سۆزلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دانولد ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ستېۋېن باننۇندەك سىياسىي جەھەتتىن تەسىرى زور شەخسلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بارلىق مال-مۈلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ، ئامېرىكىدا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان، ئائىلە ئەزالىرى ۋە شىركەت خىزمەتچىلىرى شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقنى بىلدۈرىۋاتقان خىتاي سودىگەر گو ۋېنگۇي ئۇيغۇر يىگىت ئىنتىزارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېگەن:
«تۈنۈگۈن باننون ئەپەندى بىلەن بۇ ئەھۋال ئۈستىدە سۆزلەشكەن ئىدۇق. بىر مىليون ئادەم قاماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئانىلار، ئاياللار ۋە بار. شۇ دەقىقىدە ئۇلار خورلىنىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە ‹ئۇلار تەربىيەلىنىۋاتىدۇ› دېيىلمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولسا ‹بىز ئۇلارنى قايتا تەربىيەلەۋاتىمىز› دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن سىلەر ئويلىدىڭلارمۇ، ھازىرقى بېسىم سەۋەبىدىن 50 مىليوندىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئاۋاز چىقىرىشقا ئىمكانسىز ئەھۋالدا. ھازىر بۇ يىغىن مەيدانىدا بىر كىچىك قەھرىمان دادىللىق بىلەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئۇنى تونۇمايمەن، ئەمما ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتسەم ئۇ بۇ يىغىنغا كەلدى. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھازىر قاماقتا، ئەمما قانچىلىك ئادەم ئۇلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرالىدى؟! نېمە ئۈچۈن بىز بۇ مەسىلىنى سورىشىمىز كېرەك! ئەجەبا كېيىنكىسى سېنىڭ ئائىلەڭنىڭ، مېنىڭ ئائىلەم ھەم بۇ جايدىكى ھەر بىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىنغۇ؟! خىتاينىڭ تەھدىتلىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ زور جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار ھەققىدە بىز ھەممىمىز ئاۋاز چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز ئۆز بېشىمىزغا كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرلەردىن قورقماي دادىللىق بىلەن خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغىنىمىزدىلا، ئاندىن بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى، ئەركىنلىكىمىزنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.»
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي سودىگەر گو ۋېنگۇيگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئادالەت تەلەپ قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىگە ئۈزلۈكسىز ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قارىتا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەش، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تەدبىر قولىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش تېخىمۇ زۆرۈر ئامىل ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش ئەھۋالىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان فاشىستىك باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.