ھۆرلۈك ئىزدەپ: بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ سەرگۈزەشتىسى (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2015.01.23
uch-wilayet-jumhuriyet-jengchisi.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جەڭچىسى
RFA/Qutluq


1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە غۇلجىدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى ھازىر قىرغىزىستاندا ياشىماقتا.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن دادىسى قاتارلىق بىر نەچچەيلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز قېرىنداشلىرى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن قەھرىمانلىق تۈپەيلى روھى مىللىي غۇرۇر ۋە مىللەتنى سۆيۈش تۇيغۇسىغا تويۇنۇپ ئۆسىدۇ.

تۆۋەندە ئۇنىڭ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى، ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دە نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ۋە قانداق قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىنى شەنبە كۈننى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان يورۇق ساھىللار سەھىپىمىزنىڭ «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» قىسمىدا داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.