ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئىلھام مەخمۇت ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ياپونىيە خەلقنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرىدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ «ئۇيغۇر مەسىلىسى: مۇستەملىكە قىلىنىش مەسىلىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ياپونىيە شوكۇوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «بۈيۈك ئاسىيا چۈشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
ئىلھام مەخمۇت ماقالىسىدە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىش سىياسىتى ئەيىبلىنىپ، خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خىتاي تارىخىدىكى بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
ئۇ، ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي پاجىئەدىن ياپون خەلقى ساۋاق ئالمىغاندا، سېنكاكۇ ئارىلى جايلاشقان ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قىلىش خەۋپى مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام مەخمۇتنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەر ياپونىيەلىكلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن.