«ئىنتېرپول» نىڭ دولقۇن ئەيساغا ئائىت قارارى ئالقىشقا ئېرىشتى
2018.02.26

تۈرلۈك تاراتقۇلار ۋە سەھىپىلەردە ئىنتېرپول(خەلقئارا ساقچى) تەرىپىدىن 1-فېۋرال ماقۇللانغان، 20-فېۋرال ئېلان قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانى تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقالماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت كۆپ يامانلاشقان بىر چاغدا تارالغان بۇ ئۇچۇرنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر خوش خەۋەر بىلىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا.
ئىنتېرپولدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك دولقۇن ئەيسانىڭ يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققانلىقى، ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالغان ئىدى. كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنتېرپولنى ئادىل بولمىغانلىق، خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈككەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى ئىنتېرپولنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچى دۆلەت قاتارىدا ساناپ تەنقىدلەپ كەلمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ بىرقانچە يىل ئىلگىرى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر سابىق مىنىستىرىنىڭ ئىنتېرپولغا باشلىق بولغانلىقى خەلقئارادا نارازىلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتېرپولنىڭ شەرىپىگە زور دەرىجىدە دەز كەتكۈزگەن ئىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى «خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى دىپلوماتىك مەغلۇبىيىتى» دەپ ئاتىدى.
خەلقئارا ساقچىنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمىنى قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى 24-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا ساقچىنىڭ دولقۇن ئەيسانى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈردى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىمى لۇسىيا پاررۇچى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ھەقتە «بۇ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى» دېدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى «بۇ يالغۇز دولقۇن ئەيسا ئۈچۈنلا ئەمەس، د ئۇ ق ۋە مۇھاجىرەتتىكى دەۋا ئۈچۈن كاتتا ئىش بولدى» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولسا، دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەق دەۋا قىلىۋاتقان كىشىلەرنى خىتاي سىياسىتىنىڭ قۇربانى قىلالمايدىغانلىقىنىڭ بىر ئۆرنىكى» دېدى.
د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى بولسا، «كېچىككەن بولسىمۇ، ئادالەت ئۆز ئورنىغا كەلدى» دېدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى 1997-يىلى ئىنتېرپول(خەلقئارا ساقچى) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەم ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلغان. بۇ بۇيرۇقتا، دولقۇن ئەيسانىڭ ئاتالمىش گۇناھلىرى «جىنايەت گۇرۇھى تەشكىللىگەن، ئادەم ئۆلتۈرگەن، پارتلىتىش سۇيىقەستى بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ يېزىلغان.
1996-يىلى گېرمانىيەدە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» قۇرۇلۇپ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ۋە ئىنتېرپولغا بەرگەن بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ تەسىرىنىڭ ھەممە يەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى پەقەت 1999-يىلىدىن كېيىن بىلىدۇ.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بولۇپمۇ 2000-يىلىدىن كېيىن ئۇ، شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، كورېيەدە، ئىتالىيەدە، ئامېرىكىدا، تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشلەرگە، قانچە كۈنلەپ سولاپ قويۇشلارغا ئۇچرىغان. ئامېرىكىغا ۋە تۈركىيەگە كىرىشى ئۇزۇن يىل رەت قىلىنغان، ھازىر ئامېرىكىغا كىرەلىسىمۇ، تۈركىيەگە يەنىلا كىرەلمەيدىكەن. ئۇ تاموژنىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن چاغلاردا، قانچە قېتىملاپ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىش خەۋپلىرىگىمۇ دۇچ كەلگەن. ئۆتكەن يىلى تېخى نيۇ-يوركتىكى ب د ت «ئازسانلىقلار مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا، يىغىندىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. بۇ دىشۋارچىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنتېرپولدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەب بولغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ تەشكىلاتنىڭ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، بۇ ئىشتىن، دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتاينىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە باشلىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاش نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.