كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.04.29
kanada-tashqi-ishlar-uyghur-qeyum-305.png رەسىمدە قەيۇم كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىغى خادىملىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا
RFA/Gulshen

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى بىلەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى شۇنداقلا كانادادىكى مەلۇم بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن 10 نەپەر خادىم، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك مەلۇمات ئالغان.

بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتتە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، ئۇيغۇر نامى، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى، يەنە نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ دەپ ئاتالغانلىقىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز ‏- دىرەكسىز غايىپ بولغانلار مەسىلىسىگە قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات ئالغان. بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.