ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدىكى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2014.09.06
kanada-parliament-ezasi-bred-buck.jpg كانادا پارلامېنت ئەزاسى برەد باك (Bred Buck) ئەپەندى سۆزدە
Photo: RFA

كانادادا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5 - سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان سىياسىيونلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق دەۋا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى قوللاشنى مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا كانادا پارلامېنت ئەزالىرى، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر سۆز قىلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن يىغىن ئەھلى كوچىغا چىقىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.