كانادالىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزان ئاۋازى كانادا پارلامېنت بىناسىدا ياڭرىدى

0:00 / 0:00


22 - ئىيۇن كانادا پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىي» بىر ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە كانادا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىمۇ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى.

مەزكۇر پائالىيەتتە ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بولسا، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا دىنىي ئىبادەتلىرى ھەر تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئەرزان ئېيتىپ نامازشامنى ئوقۇۋېلىشىغا يول قويغانلىقى بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رامزان ئېيى كىرىشى بىلەنلا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان چارىلەرنى كۈچەيتتى. ئۇيغۇر رېستورانلىرىنى رامزان ئېيىدا كۈندۈزى ئېچىشقا مەجبۇرلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دۇكاندارلارنى ھاراق ۋە تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلاپلا قالماي ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۇيغۇر ياشلىرىغا«پىۋا بايرىمى» ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم.

دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كانادا ھۆكۈمىتى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كانادا پارلامېنت بىناسىدا ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.

ئىپتارلىق پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا پارلامېنتىغا كەلگەن كانادالىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەزان ئاۋازى پارلامېنت بىناسىدا ياڭرىدى. ئەزاندىن كېيىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نامازشانى توپلىشىپ پارلامېنت بىناسىدا ئوقۇدى. ئىپتارلىق پائالىيەتكە قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرى ناماز تۈگىگەنگە قەدەر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.

كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتلەر مىنىستىرى تىم ئۇپپال ئۇيغۇرلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ كانادانىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشى بىلەن خىتاينى سېلىشتۇردى.

ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان ئۇلارنىڭ دىنىنى كەمسىتىپ، غۇرۇرىغا تېگىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كانادا پارلامېنت بىناسىدا ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى كانادا دېموكراتىك دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەندە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «ھەر بىر كانادالىقنىڭ مۇشۇنداق ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشى كانادانىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنىڭ مەھسۇلى. ھەر بىر كانادالىق داۋاملىق ھالدا ئوچۇق ئەركىن ۋە دېموكراتىك جەمئىيەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق» دېدى.

«شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ رەئىسى ھاجى مامۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. ئىككىنچىدىن ۋەتىنىمىزدە رامزان چەكلەندى خەلقىمىز روزا تۇتالمايۋاتىدۇ، بىز كانادا پارلامېنتىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ،بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرمىنى كۆرسىتىشنى، ئۈچىنچىدىن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. پائالىيەت بەك ياخشى بولدى.»

ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان كانادالىق ئۇيغۇرلار كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان كانادانىڭ ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەت سىستېمىسىدىن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە ئوز تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەپ، قاتتىق باستۇرۇپ رامزاندا ‹پىۋا بايرىمى› ئۆتكۈزۈپ غۇرۇرىمىزغا تېگىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كانادا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ دىنىمىزنى ھۆرمەت قىلىپ ئىنسانىي غۇرۇرىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت خىتايدىن ئىبارەت بىر ياۋۇز دۆلەت بىلەن كانادادىن ئىبارەت بىر دېموكراتىك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرما بولدى.كاندادەك ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن پەخىرلەندۇق ۋە خۇددى كاناداغا ئوخشاش دېموكراتىك ۋە ئەركىن شەرقىي تۈركىستان قۇرۇپ چىقىشقا مىللىتىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشىغا ئىنتىزار بولدۇق.»

ئىپتار پائالىيىتى«دىنىي ئەركىنلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت» دېگەن تېمىدا«كانادا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» ۋە «بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.