مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قوزغىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە غەربلىك ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ ئاۋاز قوشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.02.14
Elise-Anderson-MenmuUyghur.jpg «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇزىكا-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئېلىس ئاندېرسون خانىممۇ قاتناشقان.
Social Media

سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئابدۇرېھىم ھېيت سۆزلىتىلگەن سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىدى ھەمدە تۈركىيەنى يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قوزغىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارمۇ ئاۋاز قوشقان.

بېلگىيە بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، دوتسېنت ۋېنىسا فانگۋىللې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە قاتنىشىش «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن ۋىجدانىي مەجبۇرىيەت» دېدى. 

ئۇ بايانىدا ئىككى يىلدىن بۇيان خىتايدىكى مەزگىلىدە يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن ھېچ قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ قېتىم فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇر تەشەببۇس قىلغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەتكەن ئاۋاز قوشۇش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بايان ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ۋېنىسا فانگۋىللې خانىم يەنە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم پەيدا قىلىش رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

«مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇزىكا-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئېلىس ئاندېرسون خانىممۇ قاتناشقان.

ئېلىس ئاندېرسون خانىم 2012-2013-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» ناملىق ناخشا مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرچە «نازاكەت» دېگەن ئىسىم بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئەينەن ئورۇنلاش ماھارىتى ۋە راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئىدى.

ئۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، تۋىتتېرغا يوللىغان يازمىسىدا خىتايدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمىنى يوللىغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «راھىلە داۋۇت ھازىر قەيەردە؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دېگەن سوئاللارنى قويغان.

ئېلىس ئاندېرسون خانىم بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ خىل ئېغىر زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ناھەق تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.