تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى يىغلاتقان مەكتۇپ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.08.29
rejep-tayyip-erdoghan-misir-qiz.jpg تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، مۇھەممەد ئەل بىلتەجىنىڭ رابىئەتۇل ئەدۋىيە مەيدانىدىكى قەتلىئامدا مەرگەنلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق قىزى ئەسماغا يازغان خېتىنى ئاڭلىغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. 2013-يىلى 22-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
Turkiye Olke Telewiziyesi

مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزلۇق رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئەل بىلتەجىنىڭ، رابىئەتۇل ئەدۋىيە مەيدانىدىكى قەتلىئام ئەسناسىدا مەرگەنلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق قىزى ئەسماغا يازغان خېتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خەت تۈركىيەدە پۈتۈن ئاخباراتلارنىڭ قىزىقىش تېمىسىغا ئايلاندى.

تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسلىرىدىن دۇرسۇن ئېلى ئەرزىنجانلى ئوقۇغان خەت 22-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلكە تېلېۋىزىيەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشقان پروگراممىدا قويۇلدى. تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا خەتنى ئاڭلىغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنى تۇتالماي ھۆڭرەت يىغلاپ كەتتى. ئۇ يىغلاۋاتقاندا، ئۈلكە تېلېۋىزىيىسى ئالاھىدە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى تۇرغاي گۈلەرنىڭ سىزنى بۇنچىۋالا تەسىرلەندۈرگەن نېمە دېگەن سوئالىغا باش مىنىستىر ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتتى. ئۆيگە ئاقشاملىرى كەچ كېلەتتىم. بىر كۈنى ئۆيگە كەلسەم، قىزىم ئۆينىڭ ئىشىكىگە «دادا، بىر ئاقشىمىڭنى ماڭا ئاجراتقىن» دېگەن خەتنى چاپلاپ قويۇپتۇ. ئەسمانىڭ دادىسى يازغان خەتنى ئاڭلاپ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار يادىمغا كەلدى. ئەسمانىڭ نامىزىنىمۇ چۈشۈرەلمىگەنلىكى، دادىسىنىڭ ئۇنىڭ ئاخىرىتىگە بولغان كۆز قارىشى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. ئەسما ھاياتىنىڭ باھارىدا شېھىت بولدى، دادىسىنىڭ بۇنىڭغا سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. ئەسما ياشلىرىمىز ئۈچۈن بۈيۈك بىر نەمۇنە. مەن بۈگۈن باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەمەس، بىر تۈركىيە ۋەتەندىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆز يېشىمنى تۆكتۈم.

مەكتۇپ مۇنداق يېزىلغان:
-سۆيۈملۈك قىزىم! ساڭا ھەرگىزمۇ «ئەلۋىدا» دېمەيمەن، بەلكى دەل ئەكسىچە «يەنە كۆرۈشكىچە خوش ئەمىسە!» دېمەكچىكەن. سەن بېشىڭنى تىك تۇتۇپ، زالىمغا قارشى ئىسيان بىلەن ياشىدىڭ. پۈتۈن توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئەركىنلىككە چەكسىز ئىشقىڭنى بېغىشلىدىڭ. بۇ ئۈممەت مەدەنىيەت ۋە پەزىلەتتە ئادالەت ئورنىغا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش يولىدا جىمجىتقىنە يېڭى ئۇپۇقلارنى ئىزدىدىڭ. تەڭتۇشلىرىڭنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىغا بېرىلمىدىڭ، ھەر دائىم دەرستە بىرىنچى بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقىڭ تۆۋەنلەپ كەتمىدى.

مەنمۇ بۇ قىسقا ھاياتتا سېنىڭ تاتلىق سۆزلىرىڭگە قانمىدىم. مېنىڭمۇ سەن بىلەن كۆڭۈل ئاچقۇدەك، خۇشال يايراپ ئوينىغۇدەك كەڭ-كۇشادە ۋاقتىم بولمىدى. سەن بىلەن رابىئەتۇل ئەدۋىيە مەيدانىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە، سەن ماڭا: «سەن بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپمۇ، يەنە بىزدىن جۇداسەن» دېيىش ئارقىلىق ئاغرىنىشلىرىڭنى ئىپادىلىگەن ئىدىڭ. مەنمۇ ساڭا: «قىزىم، بۇ ھايات بىر-بىرىمىزگە تويغۇدەك ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، شۇڭا بىر-بىرىمىزگە قانغۇچە تويىشىمىز ئۈچۈن ئاللانىڭ بىزگە جەننەتتە مۇشۇنداق مۇڭدىشىشنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيلى!» دېگەن ئىدىم.

سەن شېھىت بولۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، سېنى توي كىيىملىرى ئىچىدە چۈشۈمدە كۆردۈم. سەن دۇنيادا مىسالىنى تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بىر گۈزەللىك ئىچىدە ئىدىڭ. يېنىمغا كېلىپ جىمغىنە ئولتۇرغىنىڭدا مەن سەندىن:-«بۇ كېچە، سېنىڭ توي كېچەڭمۇ؟» دەپ سورىدىم.

سەن جاۋاب بېرىپ، «مېنىڭ تويۇم كەچتە ئەمەس، دەل چۈش ۋاقتىدا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردىڭ. چارشەنبە كۈنى چۈش ۋاقتىدا شېھىت بولغانلىق خەۋىرىڭ ماڭا يېتىپ كەلگەندە، سېنىڭ ماڭا چۈشۈمدە دېگەن سۆزلىرىڭنىڭ مەنىسىگە يەتكەن بولدۇم.

ئاللانىڭ سېنى شېھىتلار قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن. سېنىڭ شېھىتلىكىڭ بىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزگە ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

سەن دۇنيادىن ئايرىلىدىغان چاغدا يېنىڭدا بولالمىدىم. ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ سېنى بىر كۆرەلمىدىم. پېشانەڭگە بىر قېتىم سۆيۈپمۇ قويالمىدىم. ھەتتا جىنازا نامىزىڭغا قاتنىشىش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولالمىدىم. بۇ مېنى چوڭقۇر ئازابلىدى.

مېنىڭ بۇنداق قىلالمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى ئۆلۈمدىن ياكى قاراڭغۇ تۈرمىلەردىن قورققانلىقىم ئەمەس، بەلكى سەن ھاياتىڭنى پىدا قىلغان ئاشۇ مۇقەددەس داۋانى مەنزىلىگە يەتكۈزۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئالدىراشلىقىم بولدى.

سەن زالىملارغا قارشى بېشىڭنى تىك تۇتۇپ، كۆكرەك كەرگىنىڭدە، ئاسىيلارنىڭ ئوقى نەق كۆكسۈڭگە تەگدى، ئەمما روھۇڭ ئەرشى-ئالاغا يۈكسەلدى. نېمە دېگەن ئاجايىپ غەيرىتىڭ ۋە گۈزەل تەربىيە كۆرگەن نەپسىڭ بار سېنىڭ؟!

مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سەن ئاللاھقا بەرگەن ۋەدەڭگە ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ، ئاللاھمۇ ساڭا قىلغان ۋەدىسىگە ساداقىتىنى كۆرسەتتى. مانا شېھىتلىك مەرتىۋىسىنى بىزگە ئەمەس، ساڭا نېسىپ قىلدى.

جانىجان قىزىم ۋە ھۆرمەتلىك ئۇستازىم!! ئاخىرىدا مەن ساڭا «ئەلۋىدا» دېمەيمەن، بەلكى دەل ئەكسىچە «يەنە كۆرۈشكىچە خوش ئەمىسە!» دېمەكچىكەن. چۈنكى بىز پات يېقىندا ئۇچرىشىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەسھابىلىرى بىلەن ھەۋزى كەۋسەرنىڭ بويىدا بىرلىكتە بولىمىز.

چەكسىز قۇدرەت ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ئەڭ يېقىن، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك بىر ماقامدا مەڭگۈ ئايرىلماسلىق ئارزۇيىمىزغا شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە تويغىچە قاراپ ئولتۇرۇشىدىغان ئاشۇ گۈزەل كۈنلەرنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈمىدى بىلەن قايتا كۆرۈشكىچە خوش ئەمىسە!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.