داڭلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ئالماتادا كونسېرت كۆرسەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.11.25
mominjan-ablikim-almata-qazaqistan-2016.jpg ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم سەھنىدە
RFA/Oyghan


22-نويابىردا ئالماتا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ يەككە كونسېرتى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستاندىكى تالانتلىق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى شاتلىق خۇدايقۇلوف رەھبەرلىكىدىكى «شاتلىق شوۋ» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن بۇ كونسېرتقا شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن بولۇپ يۈزلىگەن تاماشىبىنلار كەلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى يىللاردا قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل سەنئەت گۇرۇپپىلىرى، ئاتاقلىق ناخشىچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرى، داڭلىق ئارتىستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا. مۇشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەنئەت يۇرتى ئارتىستلىرى قازاقىستاندا بىر نەچچە كۈن بولۇپ، مەملىكەت پايتەختى ئاستانىدا ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرىدە «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» كونسېرتلىق پروگراممىسىنى كۆرسىتىپ كەتكەن ئىدى. مۆمىنجان ئابلىكىم بولسا، بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئابروي-ئاتاققا ئىگە بولغان ناخشىچىلارنىڭ بىرىدۇر.

كونسېرتنى كىرىش سۆز بىلەن ئاچقان ش. خۇدايقۇلوف تاماشىبىنلارنى قازاقىستان ئۇۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارغا سەمىمىي تىلەكلەر ئېيتتى ۋە كونسېرت قاتناشقۇچىلىرىنى تونۇشتۇردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «شاتلىق شوۋ» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شاتلىق خۇدايقۇلوف مەزكۇر كونسېرتنى ئۇيۇشتۇرۇش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كونسېرتنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلاپ، مۇشۇ ئويۇمىزنى مۇبارەكلەپ كەلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئاسىيا چولپىنى مۆمىنجان ئابلىكىمنى ئۆزىمىز سۆيگەنلىكتىن، ياشلىرىمىزنىڭ تەلىپى بىلەن قازاقىستانغا تەكلىپ قىلدۇق. مۆمىنجان ئابلىكىمغا دائىملىق ئۇتۇق تىلەيمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «تۈركىيە ئانسامبىلى» بىلەن ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا بۇ كونسېرتنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دائىملىق مۇشۇنداق چوڭ سەھنىلەردىن كۆرۈنۈشىنى تىلەيمىز.»

ش. خۇدايقۇلوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كونسېرتقا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس، تالانتلىق ناخشىچى، مۆمىنجاننىڭ ئۇستازى ھەم كىچىك دادىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك داڭلىق كومپوزىتور ئابلەھەت ئابلىكىم، شۇنداقلا ياش ناخشىچىلاردىن مەردان ئابلىكىم قاتناشتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇنىڭغا تۈركىيە ئېسترادا مۇزىكا سەھنىسىنىڭ تالانتلىق سازەندىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى رېھانگۈل مەخپىروۋا مەزكۇر كونسېرت ھەققىدە پىكرىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «ئومۇمەن كونسېرت يامان ئەمەس. ماڭا بىرلا ياقمىغان يېرى، ئۇسسۇللار يوق. ھەممىسىگە رەھمەت. مۆمىنجان ئابدۇللامدەك تالانتلىق بولۇپ ئۆسىۋەرسۇن.»

كونسېرتتا مۆمىنجان ئابلىكىم «ئىنتىزارمەن»، «قەيەردە سەن»، «ئۇيغۇر»، «دۇنيا»، مەردان ئابلىكىم «سەنەم»، «يادىڭغا يەتمىدىم»، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم «قەمبەرخان»، «ئوقۇغىن»، ئابلەھەت ئابلېكىم «بار»، «گۈلۈم» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. تاماشىبىنلار بۇ كونسېرتتىن روھىي ئوزۇق ئالغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن، دىلبەر يۇنۇس، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مۆمىنجان ئابلىكىم قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلىرىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇلارنىڭ بىرى، ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئالىيەم ھاسانوۋامۇ ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.