گېرمانىيەدىكى تۈرك جامائىتى جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.12.31
Nurnberg-Namayish-2018-01.jpg گېرمانىيەنىڭ نۈرنبەرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 29 - دېكابىر. نۈرنبەرگ، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

29-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ نۈرېنبېرگ شەھىرىدىكى تۈرك جامائىتى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ۋە رايوندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. 21-دېكابىر كۈنى بېرلىندىكى «ئالپئەرەن ئوجاقلىرى» دەپ ئاتالغان تۈرك تەشكىلاتىمۇ ئۆزلۈكىدىن نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۈرېنبېرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 29-دېكابىردىكى نامايىشقا گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىپ كېلىپ قاتناشقان. نامايىشچىلارنىڭ لوزۇنكىلىرى ۋە تۈرلۈك ۋىۋىسكىلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن! جازا لاگېرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! خىتاي تېررورىست!» دېگەندەك تۈرلۈك شوئارلار يېزىلغان. 

نامايىش مەيدانىدا سۆز قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تىپىك بىر ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان. 

بۇ نامايىشقا ميۇنخېن شەھىرىدىن بېرىپ قاتناشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا تۈركلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، تۈركمەنلەر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ بۇ سەپتە ئورتاق بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ نامايىشنىڭ بۈگۈن گېرمانىيەدىكى تەسىرى زور گېزىتلەردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جامائەت ئەربابى، ميۇنخېندىكى چوڭلار مەشرىپىنىڭ قازىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا توختالغاندا، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل شوئار ۋە كۆپ خىل بايراقلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك، ھاياجانلىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى جامائەتنىڭمۇ ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا. ئىسلام دۇنياسى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىزچىل سۈكۈت قىلىشلىرىغا قارشى ھالدا ئالدىنقى ھەپتىلەر باڭلادېش، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزلۈكىدىن نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ خىتايغا بولغان غەزەپلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشقان ئىدى. 

كۆزەتكۈچىلەر 2019-يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئىسلام ۋە تۈرك ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارشى زور كۆلەملەردە قوزغىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.