نازاربايېف قازاقىستانلىقلارنى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00


ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى پەقەت ئۇكرائىنلىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خەلىقلەرنىڭ، جۈملىدىن قازاقىستانلىقلارنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقىنى مەلۇم. بولۇپمۇ دۆلەت دەرىجىسىدە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوخشاش ئىككى سابىق قېرىنداش سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ياۋروپا ۋە پۈتكۈل دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلماقتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ھەر كىم ئۆزىچە ساۋاق ئالماقتا.

يېقىندا قازاقىستاننىڭ «نۇر كز» تور بېتىدە «نازاربايېف قازاقىستانلىقلارنى ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئاستانا شەھىرىدىكى ئومۇمى مىللىي تېلېكۆۋرۈكتە ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتكە قارىتا بىلدۈرۈش ئېلان قىلغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇ ئۆز بىلدۈرۈشىدە، قازاقىستانلىقلارنىڭ ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكىنى، ھەر بىر كىشىنىڭ مەملىكەت مۇقىملىقىنى باھالاش لازىملىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇندا دەيدۇ: «سىلەر بىلىسىلەركى، مەن يېقىندىلا ئۇكرائىنادا ئادەتتىن سىرت سەپەردە بولدۇم، ئۇ يەردىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى - جەمئىيەتتە مۇقىملىق ۋە رازىمەنلىك يوق. شۇڭلاشقا ئىقتىساد ئىشلىمەيۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ يەردە ئادەملەر ئادەتتىكى نەرسىلەرگە مۇھتاج بولماقتا. چىراق يوق، زاۋۇتلار يېپىلىۋاتىدۇ، تىجارەت غۇلاۋاتىدۇ.» دونباسس ۋە لۇگانسكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى ياتسېنيۇك مۇنداق دەيدۇ: «ھەتتا ئومۇمەن ئۇكرائىنا ئۆزىنى كۆتىرىش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايۋاتىمەن، ھەممە نەرسە ۋەيران بولدى، پارچە - پارچە بولۇپ كەتتى.» ن. نازاربايېف ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاقىۋېتىدىن بەش مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ قېرىلارنىڭ، ئاياللارنىڭ، بالىلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، ئون مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېچىنىشلىق بىلەن بىلدۈردى. ئۇ، «نېمە سەۋەبتىن شۇنداق پاجىئە يۈز بەردى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن قۇربان بولدى؟» دەپ، بۇ يارىنى ساقايتىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ن. نازاربايېف شۇنداقلا قازاقىستاندا ئۇكرائىنلىقلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىنى بىر ئۈستەلگە جەم بولۇپ، بارلىق تەرەپلەرنى بىر كېلىشىمگە كېلىشكە، بۇ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىشقا، مەملىكەتلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئورنىتىشقا چاقىردى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى پەقەت رازىمەنلىك ۋە مۇقىملىق شارائىتىدىلا قازاقىستانلىقلارنىڭ كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەنە شۇ قەدرىيەتلەرنى ساقلاپ قېلىشقا ھەر بىر قازاقىستانلىقنىڭ تۆھپە قوشۇشى لازىملىقىنى، بۇنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلارغا قازاقىستان جەمئىيىتىنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن ئىقتىساد - ئاندىن سىياسەت" دېگەن پرىنسىپ ئىلگىرىمۇ ئىشلىگەن ھەم كېلەچەكتىمۇ ئىشلەيدۇ. رازىمەنلىك بولمىغان جايدا ھېچنەرسە يوق. بۇنىڭ بارلىقىنى بىز كۆردۇق....» ن. نازاربايېفنىڭ پىكرىچە، ئۇرۇشلارنى پەقەت سىياسەتچىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىننىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر قازاقىستانلىق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئۆزىچە ساۋاق ئالماقتا. ئۇ «قازاقىستانلىقلار ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن قانداق ساۋاق ئېلىشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

- بۇ قىيىن سوئال. ھەر بىر ئادەم ئۆزى بىلگىنىچە بۇنىڭدىن ساۋاق ئالماقتا. ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنى باھالاشتا جەمئىيەت بىر نەچچە كۈچلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئۈزۈل - كېسىل بىر جاۋابىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەنمۇ بۇنىڭغا ئۈزۈل - كېسىل جاۋاب بېرەلمەيمەن.»

ك. سىرويېژكىن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئالىدىغان ساۋاقلار كۆپ بولسىمۇ، ئامما ئېنىق كىمنىڭ قانداق ساۋاق ئېلىشنى چۈشەنگۈسى كەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئەھۋالنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە بىر تەرەپ بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستاندا تامامەن باشقا ۋەزىيەت قېلىپلاشقانلىقتىن، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ بۇ مەملىكەتكە تەسىر قىلىشىغا ھېچبىر ئاساسنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت بەزى ئەھۋاللاردىلا ئوخشاشلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. سىياسەتشۇناس ئۇكرائىنادا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدە پەقەت بىرلا رۇسىيەنى ئەيىبلەش كېرەك، دېگەن پىكىرگە قوشۇلالمايدىغانلىقىنى، پات يېقىندا رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بىر مۇراسسەگە كېلىشىگە كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.