نورۋېگىيەدە ئەھمىيەتلىك نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2014.03.24
23 - مارت يەكشەنبە كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك ناخشا - ئۇسۇل ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلماستىن، نۆۋەتتە تايلاند ۋە مالايشىيادا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ساقچىلار تەرىپىدىن كوللىكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلارغا قانداق قىلغاندا ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەش ۋە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت ئەپەندى مېھمانلارغا بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىنىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە سۆزلىدى.
بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئالاھىدە بولغان يەنە بىر مەزمۇنى، ئىراقتىن كەلگەن ئەزەربەيجانلىق ماھنى خانىم ۋە ئۇنىڭ دوستىنىڭ بۈگۈنكى نورۇز پائالىتىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماھنى خانىم تەكلىپ بىلەن مېھمانلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
- مەن ئىراقتىن كەلگەن ئەزەربەيجانلىق، نورۋېگىيەدە ياشايمەن، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ھەر زامان ۋەتەن ھەسرىتى چېكىمەن. بىز تۈرك مىللىتى بولۇپ قالغانلىغىمىز ئۈچۈنلا ۋەتەندىن ئايرىلدۇق، بىزىنىڭ ئىراقتا تارتقان ئازابلىرىمىز،تۆككەن قان - ياش ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىمىز سىلەر بىلەن ئوخشاش.
ماھنى خانىم قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە كۈزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
- مەن تايلاند ۋە مالايشىيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى تور بەتلىرىدىن كۆرگەندىن كېيىن سىلەرنىڭ بۈگۈنكى بۇ نورۇز پائالىيىتىڭلارغا دوستۇمنى ئېلىپ ئۆزلىكىمدىن كەلدىم. ئەمەلىيەتتە بۈگۈن نورۋېگىيەدىكى ئەزەربەيجانلار نورۇز پائالىيىتىنى تەبرىكلەپ كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، لېكىن مەن مۇساپىرلىق ھاياتىدا ئۈلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ماتەم بىلدۈرۈش ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن دەپ سوراش ئۈچۈن ئۇ پائالىيەتكە قاتناشماستىن بۇ يەرگە كەلدىم. بىزنىڭ تارىخىمىز ئوخشاش، دىنىمىز ئوخشاش، بىز ئوخشاش تۈرك ئەۋلادىمىز، مەن سىلەرنى خۇددى ئۆز مىللىتىمنى سۆيگەندەك سۆيۈمەن، ئەگەر سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلاردا ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇرۇش بولىدىغان بولسا، مەن ئەشۇ ئۇرۇشقا قاتناشقىلى بارىمەن. چۈنكى مېنىڭ قېنىم تۈركنىڭ قېنى، بىزنىڭ شەرەپلىك بىر تارىخىمىز باركى، تارىخىمىزدا بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئات مىنىپ ياۋلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. بىز ھەر قاچان سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا.
ماھنى خانىم قايتىش ئالدىدا يەنە تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى ئەزەربەيجان تەشكىلاتىدا ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوللايدىغان ئەزەربەيجانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەرسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورىدى ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز تۈرك خەلقلىرى تىرناق بىلەن گۆشكە ئوخشايمىز، بۇ ئىككىسىنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىنمۇ؟
پائالىيەت داۋامىدا جامائەت ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر ھاجى ئەڭ قىيىن شارائىتتا قالغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشنىڭ ساۋابى، ۋەتەن، مىللەتنى سۆيۈشنىڭ دىندىكى پەرزى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە دىنىي تەبلىغ قىلدى.
گەرچە، بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئون يىللاردىن بېرى ناخشا - ئۇسۇل ۋە كۆڭۈل ئېچىش بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان نورۇز پائالىيىتىگە مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھالدا ناخشا - مۇزىكىسىز ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن نورۇز ئەھلى بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، مول نورۇزلۇق داستىخانغا داخىل بولدى ۋە ئۈچ كۈندىن بېرى بۇ نورۇزلۇق داستىخاننى ھازىرلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان بەختىيار، ئابلەت ھاجىم ۋەتۇرغۇنجان قارىملارغا ئالاھىدە رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.تاماقتىن كېيىن مېھمانلار ئاتىغانلىرىنى ئىئانە قىلىپ، قىيىن شارائىتتا قالغان قېرىنداشلارغا بىر ياخشىلىقنىڭ بولۇپ قېلىشىنى ئاللاھدىن تىلەپ پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.