ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىشىغا بولغان ئىنكاسلىرى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان گېزىت «ئاساھى شىنبۇن» نىڭ 23-فېۋرالدىكى «ئامېرىكا خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن 21-فېۋرال ئۇچراشقانلىقىنى، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە تىبەت مەسىلىسىنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن دەپ چۈشەندۈرگەن.

ماقالىدە: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى تۇردى. ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى بىلەن تەڭ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە بولغان دىققىتى قوزغالدى» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاقسارايغا تولىمۇ نارازى بولغانلىقى، سەۋەبى، ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبىتى مەتبۇئات ۋە ئاخباراتلاردىن خالىي ھالدا يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىپ، ھەتتا سۈرەتكە تارتىشمۇ چەكلىنىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتى ئاقسارايدا داۋاملىق شەخسىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان «خەرىتە ئۆيى» دە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىكەنلىكى، توغرىسىدا توختالغان.

خەۋەردە، ئاقساراي باياناتچىسى كارنېينىڭ «ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خەلقئارادا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، دۇنياۋى دىن ۋە مەدەنىيەتنىڭ رەھبىرى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ سىياسىي سۆھبەت ئەمەس، ئۇلار ئۆز -ئارا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە پىكىرلەشتى» دېيىلگەن.

«ئاساھى شىنبۇن» دا ئىككى رەھبەر سۆھبىتىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا نارازى بولغان ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ۋە ئاخباراتلىرى «دالاي لاما ھەرگىز ئۆزىنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى توسمايدۇ. بەلكىم ئاقساراي يېپىق شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ئاقساراي تىبەتنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەرگىز قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر خەۋەردە، ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبىتىنىڭ قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى شۇنداقلا سۆھبەتنى ئاشكارىلاش ۋە ئاشكارىلىماسلىق مەسىلىسىدە بەلكىم ئاقساراي بېيجىڭ بىلەن مەخپىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان ھالدا ئىش ئېلىپ بارغان بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىققا يېقىنلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، 22-فېۋرال ئەتىگەندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يېسۈي بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىسىنى چاقىرتىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنىڭ 2011-يىلى ئوباما دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتىمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبىتىگە خىتاي تەرەپنىڭ تولىمۇ ئېھتىياتچان، سەزگۈر ۋە قاتتىق دىپلوماتىيە مۇئامىلىسىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، 21-فېۋرال خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق قوماندانى فەن بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى گېنېرال رايموند بېيجىڭدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، سۆھبەتتە ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كىچىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا تەسىرگە ئۇچراتماسلىق توغرىسىدا كېڭەشكەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە، ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىشىغا ئەگەر بېيجىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرمىسە، خىتاي خەلقى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئاجىز كۆرۈپ ھاكىمىيەتكە بويسۇنماي قويىدىغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن خىتاي ئامېرىكىغا قاتتىق قارشى تۇرغانلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇچراشقانلىقى، ئوبامانىڭ يەنە كېلەركى ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ؛ «ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدۇ» دېگەن سۆزىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو ئەپەندى ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:
-ئامېرىكا ئەركىن دېموكراتىك بىر دۆلەت، مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بولغان ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشىدىن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.