ئوباما رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2014.03.01
جۈمە كۈنى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رايون ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن مەزگىلدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما رۇسىيە دائىرىلىرىنى قېرىم يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىشكە، بولمىسا بەدىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئوباما مۇنداق دېدى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر بىزنى بەكمۇ ئەنسىرەتتى.
ئوباما يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن تارىخىي مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەتتا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا بىر ھەربىي بازىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمما، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ھەرقانداق بۇزغۇنچىلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ تۇراقسىزلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە مۇخالىپ كېلىدۇ.
ئوباما ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرى ۋە ئوز كەلگۈسىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ھەقلىق ئىكەنلىكى، ئۇكرائىنا خەلقى ئۆز ھەل قىلىدىغان ئىشقا ئارىلىشىشنىڭ مۇداخىلە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ رۇسىيەنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە ئۇكرائىنا چېگراسىنى ھۆرمەت قىلىش ۋەدىسىگە شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولىدۇ.
ئوباما ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قىلىشى، يېقىندا رۇسىيەگە بېرىپ ئولىمپىككە قاتنىشىپ كەلگەن ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە شۇنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇكى، ئۇكرائىناغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنىڭ بەدىلى بولىدۇ.
ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ۋېكتور يانۇكوۋيچنىڭ ئۇكرائىنادىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، قېرىم رايونىنىڭ پارلامېنتىنى بىر قىسىم قوراللىق كىشىلەر ئىگىلىۋالغان.
بۇ كىشىلەر قوراللانغان، رەسمىي ھەربىيچە كىيىنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىي تەۋەلىك بەلگىلىرى يوق ئىكەن. ئەمما، شۇنداقتىمۇ بۇ قوراللىق كىشىلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى.