پاكىستان دائىرىلىرى ئۆمەر ئۇيغۇرنى «ھىندىستان جاسۇسى» دېگەن گۇمان بىلەنمۇ تەكشۈرمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.26
pakistan-omer-uyghur-wexpi.jpg ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى
Photo: RFA

ئاشكارىلىنىشىچە، پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا 9 كۈن تۇتقۇن قىلغان ۋە ھېلىھەم تەكشۈرۈۋاتقان پاكىستان ساقچىلىرى ئۇنى «ھىندىستانغا جاسۇسلۇق قىلىش» گۇمانى بىلەنمۇ سوراق قىلغان. سوراق داۋامىدا ساقچىلار ئۆمەر ئۇيغۇرغا ئۇنىڭ ھىندىستانلىق بىر خادىمدىن بىر نەرسە تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشتىكى بىر رەسىمنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۆمەر ئۇيغۇر بۇ رەسىمنىڭ فوتوشوپتا ياسالغانلىقى ۋە خىتاي تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بۇ تەكشۈرۈش ئۆمەر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تىجارىتىنى زور دەرىجىدە ئاقساتقان.

خىتاينىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا بىرقانچە ماشىنىدا كەلگەن پاكىستان ساقچىلىرى ئۆمەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ 9 كۈن سولاپ قويغان. شۇندىن كېيىن كېيىن نەزەربەند قىلىنغان ئۆمەر ئۇيغۇر تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن «ھىندىستانغا جاسۇسلۇق قىلىش» گۇمانى بىلەنمۇ سوراق قىلىنغان. ئۇ دەسلەپتە تۇتۇلغان كۈنى پاكىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇر گۇماندار بىلەن چېتىشلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان. ئۆمەر ئۇيغۇردا بۇ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، «ھىندىستانغا جاسۇسلۇق قىلىش» گۇمانى بىلەن سوراق قىلىنغان. ئۆمەر ئۇيغۇر ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن پاكىتنىڭ، يەنى ھىندىستانلىق بىر خادىم بىلەن بىرگە تۇرغان رەسىمنىڭ فوتوشوپتا ياساپ چىقىلغانلىقىنى سېزىپ، بۇ رەسىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى فېيسبۇك ھېسابىدىن تېپىپ ساقچىلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى دەلىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رەسىمدە ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى بىر خادىمىدىن پۇل ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ياساپ چىقىلغان ئىكەن.

ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئالدىنقى يىلى ئافغانىستانغا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مەلۇمات توپلاش ئۈچۈن بارغان. بۇ جەھەتتىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە قانۇن-تۈزۈم دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئۆمەر ئۇيغۇر، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر ھىندىستانلىق دۆلەت خادىمى بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ئەلچىخانىسى توقۇغان ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە ھازىرغىچە ئاخىرى چۈشمىگەن بۇ تەكشۈرۈش، ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئەركىنلىكىدىن باشقا، شەخسىي تىجارىتىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. 30 نەچچە ئىشچىسى بولغان بىر يېمەك-ئىچمەك فابرىكىسىنىڭ ساھىبى بولغان ئۆمەر ئۇيغۇر، ھازىرغا قەدەر بۇ فابرىكىدىن قازانغان تاپاۋىتى بىلەن ئۆز ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپلا قالماستىن، يەنە ئۆز تەشكىلاتنىڭ پاكىستان ئىچى-سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭمۇ خىراجەت مەنبەسى بولۇپ كەلگەن. ئۇ تۈركىيە سەپىرى بىكار قىلىنغان ۋە ئۆزىگە قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىسى ئۈستىدىن پاكىستانغا ئەرز سۇنغان چاغدىمۇ، مۇشۇ ئىككى ئىشقىلا سەرپ قىلغان 20 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق چىقىمنى ئەنە شۇ تىجارىتىنىڭ كۈچى بىلەن ھەل قىلغان ۋە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك توسۇقلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.