پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ 3 - قېتىملىق تۈركىيە سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.09
pakistan-omer-uyghur-turkiye.jpg پاكىستاندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر(ئوڭدىن بىرىنچى) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن نامايىشتا. 2016-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Shohret


پاكىستاندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىن توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ پلانى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ پاسپورتىدا تۈركىيە ۋىزىسى بار تۇرۇقلۇق، بىر قېتىم ئايرودرومدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن، ئىككىنچى قېتىمدا ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تۈركىيە سەپىرى 18 - ئىيۇل كۈنى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىپ، ئۇ، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «6 - نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى» غا قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىدىكى ئاكا - ئۇكا پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ سەپەر تەسىراتى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.