پارىژدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-07-09
Share
parizh-parij-ilham-toxti-5-iyul-2016.jpg 8-ئىيۇل پارىژدا چاقىرىلغان 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

8 - ئىيۇل فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

بىز مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا يىغىن ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىندىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئەركىن ئابلىمىت يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن تۇرسۇنجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن يىغىن تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەش يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت