ئىككى رەقىب پۇتىن ۋە پوروشېنكو مىنسكىدا ئۇچراشتى
2014.08.26
سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان تاموژنا ئىتتىپاقى، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسك شەھىرىدە بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىندا ئۇكرائىنا، رۇسىيە، قازاقىستان، بېلارۇسىيە پرېزىدېنتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى قاتنىشىپ كۆپ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر يىغىندىن ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجابىي نەتىجىلەرنى كۈتمەكتە.
سەيشەنبە كۈنى، يەنى، 26 - ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو 6 - ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسك شەھىرىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە يىغىندا بىرگە بولدى. بۇ سورۇندا بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشېنكو، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە يىغىنغا قاتناشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، پېتر پوروشېنكو ئۆزىنىڭ مىنسك سەپىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا، بۈگۈن بېلارۇسىيە پايتەختىدە «پەقەت لۇگانسك ۋە دونېتسك ئوبلاستلىرىدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەل قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ياۋروپانىڭ تەقدىرى ھەل قىلىنىدۇ» دېگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلارۇسىيە ساھىبخانىلىق قىلغان تاموژنا ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر يىغىنىدا سۆز قىلغان پرېزىدېنت پوروشېنكو يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە يەنە ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:«مەن ئىشىنىمەنكى، دومباس رايونىدىكى قان تۆكۈلۈشلەرنى توختىتىش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئاكتۇئال ۋە بىردىن بىر ۋاسىتىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت مەن بۈگۈنكى ئۇچرىشىشقا قاتناشقان بارلىق ئىشتىراكچىلارنى بۇ پىلاننى قاراپ چىقىش ۋە ئىمكان بار بۇنى دومباستىكى ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش ئاساسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمەن» دەپ تەكىتلىگەن.
يىغىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ سۆز قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى كرىزىسنى داۋاملىق ھەربىي يول بىلەن ۋە شەرقىي رايونلاردىكى رۇس تىللىق ئاھالىلەر ۋەكىللىرى قاتنىشىپ تىنچلىق دىئالوگى ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
پۇتىن يىغىندا سۆز قىلىپ. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماللىرى ئۇكرائىنا ئارقىلىق رۇسىيەگە كىرسە، رۇسىيە ئۈچۈن 100 مىليارد رۇبلى زىيان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن تاموژنا ئىتتىپاقىدىكى موسكۋانىڭ شېرىكلىرىدىن قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيەمۇ زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەندە رۇسىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى سانائىتى، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا،رۇسىيە،قازاقىستان، بېلارۇسىيە رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى مىنسك شەھىرىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۇكرائىنا تەرەپ 10 نەپەر رۇسىيە پاراشۇتچى قىسىم ئەسكىرىنى ئۆز قوراللىرى ۋە ھۆججەتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدە تۇتۇۋالغانلىقىنى سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىناغا قوراللىق كۈچ كىرگۈزگەنلىكىگە پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمما، رۇسىيە تەرەپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ بۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ يولدىن ئېزىپ قېلىپ، ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىگە خاتا كىرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، مىنسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئازلىتىش، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى كرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي قەدەملەر تاشلىنىش كۈتۈلمەكتە.
يىغىن ھارپىسىدا ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ۋەقەلەر بولغان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلانغان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆرسىتىش ئاپتوموبىل ئەترىتى بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى شەنبە كۈنى ئۇكرائىناغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنماي ئارقىغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋانىڭ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇكرائىناغا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» ئاپتوموبىل ئەترىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ب ب سنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بىرىنچى قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى قاچىلىغان كاماز ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئاخىرى چېگرادىن كىرگۈزۈلمەسلىكىدىكى سەۋەب، ئۇكرائىنا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ ئاپتوموبىللارغا رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرگە قورال - ياراق قاتارلىق ھەربىي ئەشيالارنى قاچىلاپ يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىشى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە دومباس رايونىغا ئۇكرائىنا چېگراسىدىن كىرىش ئۈچۈن 262 ياردەم ئاپتوموبىلى ئەۋەتكەن ئىدى. خەۋەرلەردە ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بۇ ئاپتوموبىللارنى كىرگۈزمىگەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەلىكلەر ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەر كونتروللۇقىدىكى جايلارغا كىرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇكرائىنا چېگرا خادىملىرى ۋە تاموژنا خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ھەم رۇخسىتى بىلەن كارى بولماي چېگرادىن ئۆتۈۋەرگەن. بۇ ئەھۋال ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەم شۇ سەۋەبتىن رۇسىيەنىڭ پۈتۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئۇكرائىناغا كىرگۈزۈشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو رۇسىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگرادىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن كىرگەنلىكىنى خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزۇش، دەپ تەنقىد قىلغان.
رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلىغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئەۋەتىشى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە ناتو نىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تۈرلۈك ئەندىشىلەر تۇغۇلغان ئىدى. ئۇكرائىنا ۋە غەرب دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ مەزكۇر ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قاچىلاپ، ئۇ يەرلەردىكى رۇسىيە - پەرەس بۆلگۈنچى كۈچلەرگە يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىكەن. ئەمما رۇسىيە تەرەپ بۇ ئاپتوموبىللارغا يېمەك - ئىچمەك، شېكەر قاتارلىق تۈرلۈك ماددىي بۇيۇملار قاچىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىللىرى چېگرادىن كىرگۈزۈلمىگەن كۈنلەردە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېركېل كىيېۋنى زىيارەت قىلىپ، ئۇكرائىناغا 500 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مېركېل خانىم بۇ پۇللارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ساھەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
لاۋوۋنىڭ بىلدۈرۈشىدىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 24 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇكرائىنا مۇستەقىللىقىنىڭ 23 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن كىيېۋتا داغدۇغىلىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەندە سۆز قىلغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش خىراجىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 3 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
رۇسىيەنىڭ «خەۋەرلەر»ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، سەيشەنبە كۈنى مىنسك شەھىرىدىكى يىغىندا سۆز قىلغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىشقا ئائىت تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «بۈگۈنكى يىغىندىكى ئاچقۇچلۇق پوزىتسىيە دومباستىكى تىنچلىق،يەنى ئادەملەرنىڭ ئازاب چېكىشىنى توختىتىش» دەپ تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت پۇتىن بولسا، بۇ يىغىن ھەققىدە«بۇ، ئۇكرائىنانىڭ تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ياخشى ئىمكانىيەت ياراتتى» دېگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسىيەپەرەس مۇستەقىلچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇشلار يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ ھازىرغىچە 700 دىن ئارتۇق ئۇكرائىن ھەربىي خادىمى ئۆلگەن. 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ رايونلاردا ئۆزلىرىنى لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاپ، ئۇكرائىنادىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان كۈچلەر قارشىلىق كۆرسەتمەكتە ھەمدە غەرب ۋە ئۇكرائىنا ئۇلارنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي قورال - ياراق جەھەتلەردىن قوللاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. ئەمما رۇسىيە ئىزچىل بۇنى رەت قىلماقتا.
رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، مىنسك يىغىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۇكرائىنا پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ پارلامېنتنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.