قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قەيسەرى شەھەر باشلىقى بىلەن قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق ئون مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈرك خەلقى، تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىدارە - جەمئىيەتلىرى، ھەرقايسى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى كىشىلەر بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت. قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىدى.
27 - ماي كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى، مەھەللىنىڭ ئاقساقاللىرى، تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇستافا چەلىكنى، ئارقىدىن قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەخمەت قولاقبايراقتار ئەپەندىلەرنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان قېيىنچىلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار شەھەر باشلىقىغا ھازىرغىچە قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيىتقاندىن سىرىت، بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن. تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىش، ئۆي سېلىش ئۈچۈن زېمىن بېرىش دېگەنگە ئوخشاش. ئاخىرىدا ئىككىلا رەھبەرگە ئۇيغۇر ھەيئەت ئۆزلىرى ياققان تونۇر نېنى بىلەن سامسا سوغات قىلدى.
0:00 / 0:00