د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيەدىكى ئۆتكۈنچى زىيارىتىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.11.11
2016.11.11

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى.
رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيەدىكى ئۆتكۈنچى زىيارىتىدە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا قىلغان تەبرىك سۆزلىرىنى رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئېكرانى ئارقىلىق ئىزھار قىلدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، ئامېرىكىدىكى يېڭى سايلامنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا بىر خىتاينىڭ سايلىنىپ قالغانلىقى توغرىلىقمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.