ئۇيغۇر قىزى رىزۋانئاي: «مەن ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدىم!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.12.01
BDT-azsanliqlar-munbiri-2017-01.jpg ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. رىزۋانئاي ئىلھام (سولدىن بىرىنچى)، دولقۇن ئەيسا (سولدىن ئىككىنچى)، پىتېر ئىرۋەن (سولدىن ئۈچىنچى). 2017-يىل 1-دېكابىر، جەنۋە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بۈگۈن، 1-دېكابىر كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا «دۇنيادىكى ئەسلى تىللار: ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە خەتەرلەر» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىندا شىۋېتسارىيەدە چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانئاي ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن گۇۋاھلىق بەردى. رىزۋانئاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ب د ت دىكى سۆزىنىڭ يىغىن ئەھلىدە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ يىغىن جەريانىدا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ مەنتىقسىز سوئال سوراپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما يىغىن ئەھلىنى قايىل قىلالماي مات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

يىغىندا نيۇ-يوركتا كەلگەن جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىك باتۇر ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. باتۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ۋەكىلى. بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئانا تىلىنى چەكلەش سىياسىتى ھەققىدە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، موڭغۇل تىللىرىنى نورمال ئىستېمالدىن يوقىتىش ئۈچۈن قاتتىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. يەنى، بىزنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەق-ھوقۇقىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار بىرلىكتە خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىمىز ۋە ب د ت دا بۇ مەسىلىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن.»

قىزىقارلىقى شۇكى، «دۇنيادىكى ئەسلى تىللار: ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە خەتەرلەر» ناملىق يىغىنغا خىتاينىڭ ب د ت دىكى 3 نەپەر ئەلچىسىمۇ قاتناشقان. ئۇلار د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن «سىلەر ‹قوش تىللىق مائارىپ› قا قارشىمۇ؟ كۆپ تىل بىلىش ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆپ تىل ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇيغۇر قىزى رىزۋانئايمۇ خىتايلارنىڭ بۇ يىغىندا قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.