رۇسىيە ئانالىزچىلىرى: شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى رۇسىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە ئانالىزچىلار، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى مەملىكەت ئىچىدە ھەل قىلىش قىيىن بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، خەلقنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋېتىش مەقسىتىدە، تاشقى سىياسەتتە تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2013.01.30
shi-jinping-bashchiliqidiki-7-daimy-heyiti-305.jpg خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك دائىمىي ئەزاسى. 2012-يىلى 15-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان.

رۇسىيىلىك ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، زېمىن مەسىلىسى ھەمدە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن ھىندىستان، ياپونىيە، فىلىپپىن، ۋيېتنام ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى رۇسىيە بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ رۇسىيە يىراق شەرق تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇكانىننىڭ سۆزىدىن مىسال كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىشى ھەمدە جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ رۇسىيە گەرچە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىشەنچلىك شېرىكى بولۇپ قالسىمۇ بىراق لۇكانىن، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن ھېقىقى ئىتتىپاقداشلاردىن بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

كەلگۈسىدىكى رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سولژىنىسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەيدۇ،بىراق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن زېمىن تالاش-تارتىشى سەۋەبىدىن دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق.

خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پاگروۋنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئەھۋالى بۇ يېڭى رەھبەرلەرنى رۇسىيە بىلەن بولغان شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ، چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى ۋە رەقىبلىرى ھەممىلا يەردىن تېپىلىدۇ. بۇنداق شارائىتتا خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى كەلگۈسىدە كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. بولۇپمۇ ھەل قىلىش قىيىن بولغان خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋېتىش مەقسىتىدە تاشقى دۇنيادىن دۈشمەن ئىزدەشكە ھەمدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىشتا خىتاي مىللىتىنىڭ تەلۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغاشقا ۋە قاتتىق قوللۇق تاشقى سىياسەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەملىكەت ئىچىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى، تاشقى جەھەتتە يولغا قويۇلغان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي كېڭەيمىچىلىك قاتارلىق ئامىللار دۇنيادا خىتاي ھاكىمىيىتىنى بارغانسېرى يېتىم قالدۇرۇپ ئاقىۋەتتە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشىگە ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.