سەرۋەت قاباقلى ئىستانبۇلدىكى ئالىپتېكىن پاركىنى تاقىلىپ قېلىشتىن قوغداپ قالغان ئىدى
2015.09.04

يازغۇچى سەرۋەت قاباقلى ئەينى زاماندا ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى ۋە ساياھەت ئورنى بولغان سولتان ئەخمەت جامئىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى ۋە تۈركىستان ئۆيلىرى ئاشخانىسىنى تاقاش ئۈچۈن خىتاينىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىر گۇرۇپپا ساقچىلار باغچىغا كەلگەندە يازغۇچى سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ھەمدە قارشىلىق كۆرسىتىپ باغچىنى تاقاشتىن توسۇپ قالغان ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، سەرۋەت قاباقلى 29 - ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى ۋە 30 - ئاۋغۇست سۇلتان ئەخمەت جامىئىدە جىنازى نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن ئىستانبۇل ئەيۇب قەبرىستانلىقىدا يەرلىكىگە قويۇلدى.
تۈرك ئەدەبىيات ۋەخپىنڭ رەئىسى شۇنداقلا يېڭى چاغ گېزىتىنىڭ يازغۇچى سەرۋەت قاباقلىنىڭ جىنازا نامىزىغا ئەدەبىياتچىلار، سەنئەتچىلەر، سىياسىيونلار، پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ كۆپلىگەن كىشى قاتناشتى.
جىنازا نامىزىغا قاتناشقان بىر قىسىم مۇھىم شەخسلەر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ سەرۋەت قاباقلى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ توغرىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەرھۇمنى يېقىندىن تونۇيدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى پروفېسسۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلىنى زىيارەت قىلدۇق.
سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى، مەرھۇم سەرۋەت قاباقلىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەينى زاماندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن يېقىندىن خىزمەت قىلغانلىقنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى يىغىنلارغا ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەينى زاماندا، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۇلتان ئەخمەتتە تەسىس قىلىنغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسىنى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن تاقاشنى قارار قىلغاندا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، باغچىنى تاقاش ئۈچۈن ساقچىلار كەلگەندە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىققانلىقىنى ۋە ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىپ باغچىنى تاقاشقا روخسەت قىلماي قوغداپ قالغانلىقىنى ۋە مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق باغچىنى تاقاش قارارنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە ھازىرغىچە شۇ باغچىنى قوغداپ باغچىدا تۈركىستان ئاشخانىسى ئېچىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە نەشر ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى مەھمەت ئاتالاي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سەرۋەت قاباقلى كۆپلىگەن مۇۋاپپەقىيەتلىك ئىشلار قىلغان بىر يازغۇچى ئىدى، تەشكىللىگۈچى، ئەدەبىياتچى بۈيۈكلىرىمىزدىن بىرسى ئىدى. بىرلىكتە كۆپ خىزمەت قىلدۇق، دۇرۇست، تىرىشچان، مۇۋاپپەقىيەت قازانغان بىر ئىنسان ئىدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغاي.»
ئىستانبۇل سابىق ۋالىيىسى ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ مۇنداق دېدى: «ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ئىنساندىن ئايرىلدۇق. پۈتۈن ھاياتى، ۋەتەن، مىللەت ۋە تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكەن قىممەتلىك بىر ئىنسان ئىدى. تۈرك ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ قىممەتلىك رەئىسى قاباقلى ئائىلىسىنىڭ قايغۇلۇق كۈنىدە تۇرۋاتىمىز. جانابى ئاللاھ ئورنىنى جەننەتتە قىلغاي.»
تۈركىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى لۇتفۇ تۈركقان مۇنداق دېدى: «ئۈلكۈچى ئېقىمدىكىلەر بۈگۈن ھەقىقەتەن سەمىمىي، مۇتەپەككۈر بىر ئىنساندىن ئايرىلدى. تۈركىيىدە ئەخمەت قاباقلىدىن كېيىن ئۇنىڭ بايرىقىنى ھەقىقىي مەنادا كۆتۈرگەن ياخشى بىر يازغۇچى ژۇرنالىست ئىدى. ياخشى بىر مۇسۇلمان تۈرك مۇتەپەككۈر بۈگۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. جانابىي ئاللاھ رەھىم - شەپقەت ۋە مەغپىرەت قىلغاي.»
شائىر يازغۇچى ياۋۇز بۇلەنت ئەپەندى مەرھۇم سەرۋەت ئقاباقلى توغرىسىدىكى كۆز - قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ئەلازىغلى بىر قېرىندىشىمىز ئىدى. ئۇ مەن تونۇيدىغان پۈتۈن ئېلازىغلىقلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بىر ئىنسان ئىدى. سەرۋەت قاباقلى، مىللىتىمىزنى، دۆلىتىمىزنى ئاشىققا ئوخشاش ياخشى كۆرگەن بىر ئىنسان ئىدى. ئېلازىغلىق بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە سىرتىدا ياشايدىغان قانداش قېرىنداشلىرىمىزغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن بىرى ئىدى. پەقەت تۈركىيە تۈركلىرىنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنى ئويلايدىغان بىر ئىنسان ئىدى. ناھايىتى قايغۇ ئىچىدە تۈرىۋاتىمەن.جانابى ئاللاھ ئائىلسىگە ۋەيېقىنلىرىغا سەبىر بەرگەي.»
سەرۋەت قاباقلى، ژۇرنالىستلىق ھاياتىنى باشلىغاندىن تارتىپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەر يېزىپ گېزىتلەردە ئېلان قىلغان. ئۇ تەرجىمان، تۈركىيە گېزىتى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىچاغ گېزىتىدە كۆپلىگەن ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بىر يازغۇچى ئىدى.