0:00 / 0:00
ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار 8 - ئاۋغۇست كۈنى سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش باھانىسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
شىمالى كالىفورنىيە ئۇيغۇر ئويۇشمىسى نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى پائالىيىتىگە شۇ جايدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى قۇتلۇق ئالماس مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.