شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.05.07
turkiye-uyghur-maarip-hemkarliq-305.png تۇركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بەكرى بوزداغ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق ئۇيغۇر ھەيئەتلىرى بىلەن بىرگە.
RFA/Arslan

2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىق كىشىلەر ئەنقەرەگە زىيارەتكە باردى ۋە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ، دۆلەت مىنىستىرى بەكرى بوزداغ قاتارلىق مىنىستىرلار بىلەن ئىشخانىسىدا ئايرىم - ئايرىم ئۇچراشتى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار بىر تۈركۈم خىزمەت - پائالىيەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇيغۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى ۋە تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىمقى ئەنقەرە زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆمەك ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىز ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ ھەقىقىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار ئېيتقاندەك تېررورچى ئەمەس بەلكى تىنچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پۈتۈن ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى دەلىل ئىسپات بىلەن تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا ئاڭلىتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى مىنىستىر بەكىر بوزداغقا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە چاپان ھەدىيە قىلدى. بەكرى بوزداغ ئۇيغۇر دوپپا ۋە چاپاننى كىيىپ ئۇيغۇر ھەيئەت بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.