شىۋېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى سۆزى غۇلغۇلا قوزغىدى
2015.03.26

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سىتېفان لوپۋېن ئالدىمىزدىكى 27-مارت جۈمە كۈنى، خىتايغا رەسمىي زىيارەتكە بارىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش مىنىستىر ستېفان لوپۋېن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دىكتاتور» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىشى شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.
ئۆتكەن يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان سىتېفان لوپۋېن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ خىتايغا قاراتقان تۇنجى قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى سەپىرى شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
باش مىنىستىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقان قىلمىشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، دىكتاتور دەپ ئاتاش، يېنىك كېلىپ قالدى دەپ قارىدىمۇ ياكى ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋاقتىنچە رەنجىتىشنى خالىمىدىمۇ دېگەن سوئاللار شىۋېتسىيەدىكى يەرلىك ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان قىزىق بىر تېمىغا ئايلاندى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ھەمدە تەشكىلات نامىدىن باش مىنىستىرغا خەت يوللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللاھ كۆكيار شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلماي، يۇمشاق ۋاسىتە تاللاش يولىغا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.