تەيۋەندە «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق كىتاب تەشۋىقاتى داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.10.21
taiwan-teywen-sherqiy-turkistan-uyghurlarning-dunyasi-2016-2.jpg ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى سۆزدە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


19 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ تەيۋەندە «شەرقىي تۈركىستان:ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق كىتابنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتى نەشر قىلغان «شەرقىي تۈركىستان:ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق يېڭى كىتابنى كەڭ تەيۋەن جامائىتىگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر نەشرىيات 19 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ تۈرلۈك شەكىلدە تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى رەسمىي باشلىۋەتكەن.

مەزكۇر نەشرىياتنىڭ تەكلىپى بىلەن تەيۋەندىكى كىتاب تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى كەچتە تەيبىيدىكى بىر يىغىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە كىتاب ھەققىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان مەشھۇر خىتاي سىياسىي ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كۆپلىگەن ياشلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر كىتاب تەشۋىقاتى پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئىلھام ماھمۇت تەيۋەندىكى نوپۇزلۇق رادىيو ئىستانسىسىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى رادىيو سۆھبەت پروگراممىلىرىغا قاتناشقان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتابنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كەڭ ئوقۇمەنلەر نەشرىيات ئارقىلىق بۇ كىتابنى سېتىلىۋېلىشقا كېلىشكەن.

بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ دەۋرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە كىرىشى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل 5 - ئايدا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچى سەي يىڭۋېن خانىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەيۋەندە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.