تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۇيغۇر، تىبەت،موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.12.12
teywen-parlament-uyghur-tibet-mongghul.jpg تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر، تىبەت،موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri

10-دېكابىر كۈنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، تەيبىيدىكى تەيۋەن پارلامېنتى يىغىن زالىدا «ئاسىيالىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ناملىق خەلقئارا بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەيۋەن، خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن ئاڭلاتتى.

مەزكۇر پائالىيەتنى تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە خىتايدا تونۇلغان ئاتاغلىق ناخشىچى فرېددي لىم،مەشھۇر خىتاي يازغۇچىسى ۋە ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا،خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

ئۇندىن باشقا يەنە، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت، تەيۋەن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دايچىن ۋە شۇنداقلا تەيۋەندىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، تەيۋەندىكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ ئەپەندى سۆز قىلىپ، تەيۋەن پارلامېنتىدا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان «ئاسىيالىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ناملىق خەلقئارالىق بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۈچ مىللەت ۋەكىللىرىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

خەلقئارالىق بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەندىكى تىبەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋە تىبەت ۋەزىيىتىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايدىن تەلەپ قىلىۋاتقىنى مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

يىغىنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

باش شتابى توكيودىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دايچىن يىغىندا جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان كان ئېچىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ موڭغۇللارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى بايان قىلدى.

تەيۋەندىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى فالۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننى سوتقا تارتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر، تىبەت،موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
خوڭكوڭدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئالدىدا خوڭكوڭ خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر ئاڭلاۋاتقانىڭلار، يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە پارلامېنت بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تەيۋەندىكى خىتاي بىرلىكىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى مەزكۇر يىغىنغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىش بولۇپ، ئۇلار:«مۇستەقىلچىلەرنىڭ تەيۋەندە يىغىن چاقىرىپ خىتاي بىرلىكىنى بۇزۇشىغا قارشى تۇرىمىز. مۇستەقىلچىلەر تەيۋەندىن چىقىپ كەتسۇن. تەيۋەن، خوڭكوڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ شۇئار توۋلاۋاتىدۇ.

ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ يىغىن مەيدانىغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن ئەنسىرەپ پارلامېنت بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىۋېتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە باشلىدى.

شۇنداقتىمۇ يىغىن داۋاملىشىپ، تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى، ھەممە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرغاندىلا ئاندىن ئورتاق غايىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىن تەيبىي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلىنىپ كەچ سائەت بەشتە ئاخىرلاشتى.

بىز يىغىن ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بىلەن يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەيۋەندىكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەيۋەن باشلىق خىتايغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش» دېدى.

ئاتاغلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى لىن باۋخۇا:«ئىلگىرى تەيۋەندە، تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم جەنۇبىي موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. دېمەك قوشۇنىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى. بۇ ئەلۋەتتە خوشاللىنارلىق بىر ئىش» دېدى.

تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى ياڭ خانىم:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى باستۇرۇش سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى،شۇڭا بىزمۇ ئۇلارغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىمىزدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەيۋەندە يىغىن چاقىرىشنى لايىق كۆردۇق» دېدى

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بۈگۈنكى يىغىندا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرى 11-دىكابىردىن باشلاپ تەيۋەندىكى باشقا شەھەرلەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەيدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.