توكيودىكى قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
2014.02.03
23-يانۋار قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ناھەق ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە چوڭقۇر قايغۇرۇش ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئاقلاپ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ، بۇ پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلىشىغا نەپرەت ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، توكيودىكى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ياپونلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر 31-يانۋار ئەتىگەن سائەت 10 دىن 11 غىچە قىرغىزىستاننىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسىغا كېلىپ، مۇئاۋىن باش ئەلچى ئالتانبېككە د ئۇ ق نىڭ نارازىلىق باياناتىنى تاپشۇرغان.
بۇ قېتىمقى قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى توكيودا قۇرۇلغان «قىرغىزىستاننىڭ قاتىللىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش كومىتېتى» ئۇيۇشتۇرغان.
مەزكۇر كومىتېتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم، ياپونىيەنى قوغداش ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى ھىشو يانايى، ياپونىيە ئىسلام مەركىزىنىڭ ئىمامى تۈركىيەلىك ھاجى مۇھەممەت قاتارلىقلار تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەيىنلەنگەن.
قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرگۈچى بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىرى 31-يانۋار ئەتىگەن سائەت 9:50 دە ئەلچىخانا ئالدىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 23-يانۋار قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرادا قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى ريسبەك مولدوگازىئېف بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئەلچىخانا خادىملىرى نارازىلىق بىلدۈرگۈچى كومىتېتنىڭ ۋەكىللىرىدىن پەقەتلا ئۈچ نەپەر ۋەكىلنىڭ ئەلچىخانا ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرگەن.
ئەلچىخانا ئالدىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچى كومىتېتنىڭ ئەزالىرى بىلەن مۇئاۋىن باش ئەلچى ئالتانبېك ئەپەندى دوستانە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۈچ نەپەر ۋەكىلنى ئەلچىخانىنىڭ مەجلىسىخانىسىغا باشلاپ كىرگەن.
ئەلچىخانا ئىچىدىكى ئۇچرىشىشقا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم باشچىلىقىدىكى ئۈچ نەپەر ۋەكىل ۋە شۇنداقلا قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ئالتانبېك، ئۇندىن باشقا ئىككى نەپەر ئەلچىخانا خادىمىمۇ قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باش ئەلچى باشلىق بارلىق دىپلوماتلارغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 24-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ۋەقەگە ئائىت باياناتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان جىنايى ھەرىكەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر قايغۇغا سالغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇچرىشىشتا ۋەكىللەر يەنە، قىرغىزىستان دۆلىتىنى، ئەركىن دېموكراتىيىنى ئاساس قىلغان بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ۋەقەنى ئېنىقلاپ چىقىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەقە توغرىسىدا توغرا جاۋاب بېرىشكە، ئۇيغۇر خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلەشكە ۋە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرمەسلىكىگە ۋەدە بېرىشكە چاقىرغان.
قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ۋەكىللەر قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستانغا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى توختىتىشنىمۇ قاتتىق تەلەپ قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئىسلام مەركىزىنىڭ ئىمامى ھاجى مۇھەممەت ئەپەندى ئەلچىخانىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر تۈرك ۋە شۇنداقلا بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەلىك ئىمام ھاجى مۇھەممەت سۆزىدە يەنە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىر تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە شۇنداقلا بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سالاھىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان.
بۇ قېتىمقى قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەلىك ساساكى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ياپونىيەلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن قىرغىزىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشىدىن ئىبارەت بۇ قانلىق ھەرىكەتكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ يالغۇز ياپونىيەگىلا ئەمەس، بەلكى قىرغىزىستانغىمۇ بىر تەھدىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەلچىخانا خادىملىرىغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەلچىخانىدىكى ئۇچرىشىشقا قاتناشقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى باشتىن - ئاخىرى سۈكۈت ئىچىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئاڭلىغان مۇئاۋىن باش ئەلچى ئالتانبېك ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ باش ئەلچىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىنى، ۋەكىللەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى باش ئەلچىگە ۋە شۇنداقلا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى ئەلچىخانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش پائالىيىتى بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان.
مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن ئاساھى شىمبۇن، يومىئۇرى شىمبۇن، ماينىچى شىمبۇن ۋە ياپونىيەنى قوغداش ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنى زىيارەت قىلىپ سوئال سورىغان.
ئاخىرىدا بىز، مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە بەزى بىر مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.