توكيودىكى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri


10 - مارت، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تىبەتلەر 1959 - يىلى 10 - مارت تىبەتتە كۆتۈرۈلگەن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بىر كۈندە، توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ مەزكۇر قوزغىلاڭنى خاتىرىلىگەن.

توكيونىڭ كاندا رايونىدىكى بىر يىغىلىش زالىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر يىغىن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.

تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ياپونىيە ئاسىيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پىما گارپۇر، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت، موڭغۇل تەشكىلاتىدىن دايچىن قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

تىبەت ۋەكىلى پىما گارپۇر خاتىرىلەشتە تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشى ۋە شۇنداقلا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھىجرەت ھاياتى توغرىسىدا توختالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىما گارپۇر: «ۋەتىنىمىز تىبەت 57 يىلىدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولغانلىقىدىن خەلقىمىزنىڭ ۋە شۇنداقلا روھانىي داھىيمىز دالاي لامانىڭ يۈرىكى ھەسرەتتە. بىزلا ئەمەس ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيەمۇ بار. شۇڭا بۇ ئۈچ مىللەت ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۆز ۋەتىنىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پىما گارپۇر بۈگۈنكى پائالىيەتتە سۆز قىلغان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ساكاينىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ: «پروفېسسور ساكاي بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمپېرىيىلەردىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكە قىلىنىپ كېيىن مۇستەقىل بولغان ئەللەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىلا ئۇنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، خىتايدىكى مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياپون خەلقىنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەمكارلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى» دېدى.

تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۆزىنىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت سۆزدە
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت سۆزدە Photo: RFA

ياپونىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دايچىن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مەن دوكلاتىمدا ئاساسەن خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللار مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا، ھەممە بىردەك تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش، بىزنىڭ مەسىلىمىزگىمۇ كۆڭۈل بولۇشنى تەلەپ قىلدىم» دېدى.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، خاتىرىلەش پائالىيىتى جەريانىدا يەنە بىر قىسىم ياپونلار تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۈينىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋەكىللىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يەنە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم نوپۇزلۇق كىشىلەرمۇ قاتناشقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت