ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا، شىركەت ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا، ئاممىۋى جەمئىيەت تور بەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن چېتىشلىق بولۇپ چىقىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان.
ئامېرىكىدىكى بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى يېقىندا خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا تور بېكەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى پاش قىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
مەزكۇر تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مەلۇم بىر تور قىسمى. نۆۋەتتە، مەزكۇر ۋەقە دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان قىزىق تېما بولۇپ قالدى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارشى قانداق كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە باش قاتۇرماقتا ئىكەن. چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەردە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ياكى تور جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق دۆلەتكە جەرىمانە قويۇش، سودا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جېي كارنېي سەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق كونكرېت تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىقى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: بىز سىز ئوتتۇرىغا قويغان «مەندىئانت» شىركىتىنىڭ دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپتۇق. بىراق مەن بىزنىڭ ئىستىخبارات مۆلچىرىمىز ھەققىدە توختالمايمەن. سىز دىققەت قىلغاندەك پرېزىدېنت بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە بىزگە ۋە بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە زور تەھدىت. ئامېرىكا تور ھۇجۇم پەيدا قىلغان ئىقتىسادى، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە سودا جەھەتلەردىكى تەھدىتكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ دىققىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. پرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە سۆزلىگەن نۇتقىدا دېگەندەك، بىز كارخانىلىرىمىزنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاۋاتقان چەتئەل دۆلەتلىرىنى ۋە شىركەتلىرىنى بىلىمىز. پرېزىدېنت يەنە، بىز بىرقانچە يىلدىن كېيىن كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ، بىزنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىمىز ھەقىقىي تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە نېمىشقا ھېچقانداق ئىش قىلمىدۇق، دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك، دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تور تەھدىتىگە قارشى ئاكتىپ چارە-تەدبىر ئېلىۋاتىدۇ. بىز دۆلەت مەجلىسىنى بۇ توغرۇلۇق قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىمىز. پرېزىدېنت بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت تور بەتلىرى، خۇسۇسى كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
مەندىئانت، ناملىق ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا، يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرگە، ئاخبارات ئورگانلىرىغا ۋە ئاممىۋى جەمئىيەت تور بەتلىرىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شاڭخەينىڭ پۇدوڭ رايونى داتوڭ يولى 208-نومۇرلۇق ئادرېس بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئادرېس ئازادلىق ئارمىيە 2-ئىستىخبارات بۆلۈمىگە قاراشلىق 61398-قىسمىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ، «مەندىئانت» شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە، شىركەت ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇملىرىنى تەھلىل قىلىش، ئىز قوغلاش ئارقىلىق 61398-قىسىم تۇرۇشلۇق قورۇدىكى 12 قەۋەتلىك بىر بىنادا ئازادلىق ئارمىيە كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەر كۈنى چەتئەل تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
بىراق ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي تور ھوقۇقى پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەربىي ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى راست بولسىمۇ، بىراق خىتاي رەت قىلىپ تۇرۇۋالسا ئىسپاتلاش قىيىنغا توختايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەت قىلىپ تۇرۇۋالسا، بىزنىڭ بۇنى ئىسپاتلىشىمىز ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. جۇڭگو تور ھۇجۇمىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى ناھايىتى روشەن. جۇڭگو ھەربىي تەرەپ ۋە بىخەتەرلىك ئورگىنى ئىزچىل تور ھۇجۇمى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، ب د ت نىڭ تەنقىد قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالىدۇ. ھۇجۇم قىلغاندا بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ئويلىشىپ، بىر ئورگاننىڭ 2-3 خىل نامنى ياكى سالاھىيەتنى قوللىنىش، ئېھتىياجغا قاراپ، سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى بار. سىزنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا جۇڭگوغا ئادەم ئەۋەتىپ، ماددىي پاكىتلارنى توپلاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق. سىز پەقەت توردا ئىز قوغلاش ئارقىلىقلا ئۇنىڭ ئورنىنى بېكىتىسىز. بىراق جۇڭگو سىز بايقىغان بۇ ئورۇننى دەرھال باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال بۇرۇن يۈز بەرگەن. بىراق ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ھەربىي تەرەپ ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى راست.
خىتاي ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق «مەندىئانت»، ناملىق مەزكۇر تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ دوكلاتى دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر 61398-نومۇرلۇق قىسىم خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ 2-ئىستىخبارات بۆلۈمىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لى خوڭكۇەن ئەپەندى، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىنلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: بۇنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا كەلسەك، ھازىرقى ئەڭ زور مەسىلە ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئالاقىسى ناھايىتى كۆپ، ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ناھايىتى زور. ھازىرقى ئەھۋالدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ زور ئىقتىسادى مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ، تور ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بەل باغلىيالماسلىقى مۇمكىن. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە كەڭ كۆلەملىك ئۇچۇر توپلاپ، تەھدىتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھالبۇكى ئامېرىكىلىقلاردىن سورىسىڭىز بۇ جەھەتتىكى تەھدىتنىڭ قانچىلىكلىكىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى تازا روشەن ئەمەس. رېئاللىق شۇكى، سىز دەپ بېرەلمەيدىغان تەھدىت ئەڭ زور تەھدىتتۇر، دېدى.