تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش مەسلىھەتچىسى: «خىتايغا بولغان كۆز قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسىئارىف ئەردوغان ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «3-نۆۋەتلىك يىپەك يولىدا شىنجاڭ» ناملىق يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغاندا ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا بەش كۈن زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي خەلقئارا رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا «خىتايغا بولغان كۆز قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى» دېگەن. بۇ خەۋەر مەزكۇر رادىئونىڭ تۈركچە تور بېكىتىگىمۇ قويۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ئارىف ئەردوغان 9-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي خەلقئارا رادىئوسى تۈركچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا غەرب ئاخباراتلىرىدىكى بۇرمىلانغان خەۋەرلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا تاقىۋېتىلگەن ۋەزىيەتتە تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى چەكلىگەنلىكى، ئانا تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلارنى ئايلانغاندىن كېيىن بۇ كۆز قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇرۇنقىدەك يامان بىر كۆز قارىشىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلماستىن، بەلكى ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمبەغەل ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايغا بۇرۇن 5 نومۇر بەرگەن بولسا، مانا ئەمدى ئون نومۇر بەرگەنلىكىنى، خىتايغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى دېگەن.

ئارىف ئەردوغان سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر مىللەت بالىلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ -ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئارىف ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بەزى ئۇيغۇرلار بۇ كىشىگە خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ كىشىگە خەت يازغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش مەسلىھەتچىسى ئارىف ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىيە ئۈچۈن بۇنداق بىر سۆزنى قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەمما بەزى تۈركلەرنىڭ ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىگە قاراپلا مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش مەسلىھەتچىسى ئارىف ئەردوغان ئەپەندىنىڭ بۇنداق بىر كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ ئۇنى بەك كۈتۈپ قارشى ئېلىشىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈرك رەھبەرلەر ئارىسىدا ئارىف ئەردوغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە مەلۇماتى يوق، بۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، بۇ كىشىنىڭ رايون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىدىن بۇنداق دېگەن بولۇشى ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان تۈرك رەھبەرلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى كۈتۈۋېلىپ، ياخشى جايلارنى ئايلاندۇرغاچقا ۋە كۆرسەتكەچكە مۇشۇنداق دېگەن بولۇشى ئېھتىمالىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە ۋە مەتبۇئاتلارغا توغرا مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى ئارىف ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يازغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ خەتكە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىزمۇ ئارىف ئەردوغان ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا چىققان ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەققىدىكى ئۆز ئىنكاسىنى بىلىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئالاقە ئورنىتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.