تۈركىيە تاموژنا ۋە تىجارەت مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە تىجارەت ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكى تۈركىيەنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق تور ئارقىلىق تىجارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن.
«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي بىلەن ئې-يىپەك يولى ئېچىلىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاموژنا ۋە تىجارەت مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تىجارەت باشلاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان.
خاجەر باياجىئوغلى يازغان خەۋەردە، خىتاينىڭ 25 مىليون نوپۇسلۇق چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى شىركەتلەر ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىن مال سېتىۋالالايدىكەن. تۈركىيە تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاپالەت بېرىشى ئارقىلىق چۇڭچىڭدىكى شىركەتلەر قەيسەرىدىكى شىركەتلەردىن مال سېتىۋالالايدىكەن.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تىجارەت مۇناسىۋىتى «ئې-يىپەك يولى» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ توختامنامىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى قول قويغاندىن كېيىن 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ئەگەر، قەيسەرى بىلەن چۇڭچىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر تور ئارقىلىق تىجارەت قىلىش ئىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بۇ ھەم باشقا شەھەرلەرگىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.
قەيسەرى بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرى ئارىسىدا يولغا قويۇلىدىغان مەزكۇر سودا ھەمكارلىقى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر ئىنتېرنېت ئارقىلىق سودا قىلىش ھەمكارلىقى ئۈچۈن قەيسەرى شەھىرىنىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ قەيسەرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ بولۇشى بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تور ئارقىلىق تىجارەت قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالامدۇ؟ بۇ سوئاللار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ھەم تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.