ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.02.21
tukiyede-uyghur-mesilisi.jpg ئەنقەرەدىكى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ زالىدا چاقىرىلغان تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 17-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ زالىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىن چاقىرىلدى.

«تۈرك دۇنياسى بىرلىكى مەركىزى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قازاق، قىرغىز، ئەزەربەيجان، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە زىيالىيلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ سابىق يەر-مۈلۈك مىنىستىرى چىڭگىز ئالتىنقايا ئەپەندى، مەزكۇر جەمئىيەت رەئىسى ياسېمىن مەيدان يېشىلھىسار خانىملار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئېغىر بىر ۋەزىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەپسۇس ئىسلام دۇنياسىدىنمۇ، تۈرك دۇنياسىدىنمۇ بۇ ھەقتە سادا يوق. 2 كۈن ئىلگىرى قازاقىستان دۆلىتى خىتايغا نارازىلىق خېتى سۇندى. شەرقىي تۈركىستاندا 2 مىليون ئەتراپىدا قازاق بار. خىتاي بۇرۇن پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئېلىپ باراتتى، بۈگۈنكى كۈندە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار ھەممىسىگە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق خېتى بەردى. ئەمما، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق دۆلەت خىتايغا نارازىلىق خېتى بەرمىدى. بىز تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈركىيە باشلىق ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تۈرك دۇنياسى بىرلىكى» تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ياسېمىن مەيدان يېشىلھىسار خانىم تۈرك دۇنياسىدا كۆپ مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئىزچىل ھالدا تونۇتۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «باشقا تۈركىي مىللەتلەر رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تونۇشتۇرۇۋاتىمەن. رادىيو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا داۋاملىق ئاڭلىتىۋاتىمەن. بىز تېخىمۇ تەسىرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دۇنيا تۈرك بىرلىكى مەركىزىنى قۇردۇق. مەن بۇ مەركەزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بۇندىن كېيىنمۇ گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيەلەردە، قىسقىسى ھەر يەردە داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىمىز».

ياسېمىن مەيدان يېشىلھىسار خانىم «تۈرك دۇنياسى بىرلىكى مەركىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، پارلامېنتقا داۋاملىق ھالدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خەت ۋە دوكلات ئەۋەتىدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا نارازىلىق خېتى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىپ داۋاملىق خەت يازماقچىمىز. تۈركىيە پارلامېنتىغا داۋاملىق خەت ئەۋەتىمىز. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئۆز دەۋايىمىز، بىزنىڭ قانىغان يارىمىز. تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن».

يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يىغىندا كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان ئىككى شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.

17-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىمدىن 7 يېرىمغىچە داۋاملاشقان مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن سىرت، ئىراق تۈركمەنلىرى، قىرىم، سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەسىلىسى ۋە قاراباغ مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.