ئۇيغۇر سىياسەتچى نەسىبە ھەزرەت خانىم: «مىللىتىمنىڭ دەردىگە داۋا بولۇش ئۈچۈن سىياسەتكە كىردىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.06.27
Uyghur-siyasetchi-nesibe-hezret-xanim.jpg مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۈنگۆرەن رايونلۇق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر سىياسەتچى نەسىبە ھەزرەت خانىم.
uyghurcongress.org

تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلار كۆپەيمەكتە.

بۇلاردىن بىرى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ 1980-يىللاردا 7 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان نەسىبە ھەزرەت خانىمدۇر. ئۇ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇكىسى بىلەن شىركەت قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىگەن. بۇ جەرياندا تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا پارتىيەلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. ئۆتكەن يىلى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل گۈنگۆرەن رايونلۇق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سايلانغان. ئۇ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان ئىككى چوڭ دوكلات تەييارلاپ پارتىيە مەركىزىگە سۇنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نەسىبە ھەزرەت خانىم ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ تۈركىيەدە چوڭ بولغانلىقىنى، كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆيىدە ئۇيغۇر توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

نەسىبە ھەزرەت خانىم مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سىياسىي نەزەرىيىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ پارتىيەگە كىرىشكە قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۈنگۆرەن رايونلۇق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەسىبە ھازرەت خانىم بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان ئىككى چوڭ دوكلات تەييارلاپ پارتىيە مەركىزىگە سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى. نەسىبە ھەزرەت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي بېسىم بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نەسىبە خانىم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەرگە يېقىن تۇرۇشقان چاقىردى. نەسىبە ھەزرەت خانىم ئۆزىنىڭ سىياسەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ سىياسەتنىڭ چوقىسىغا چىقىش ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

گۈنگۆرەن رايونى 15 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۈنگۆرەن رايونلۇق شۆبىسىنىڭ باشلىقى فۇئار گۈل ئەپەندى نەسىبە خانىمغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنى يېتىشتۈرگەن ئاتا-ئانىسىغا، شەرقىي تۈركىستانلىق بولغاچقا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ياخشى يېتىشكەن، دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل بىر قېرىندىشىمىز. ئۇ، مېنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسىم. نەسىبە ھەزرەت خانىمنىڭ سىياسىي كېلەچىكى پارلاق، رايونىمىزدىكى خەلقىمىزمۇ ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا دوكلاتلار تەييارلاپ پارتىيە مەركىزىگە ئەۋەتىۋاتىمىز».

نەسىبە ھەزرەت خانىم 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ ئەسكى شەھىر رايونىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن 10 يىلدىن بېرى ئىگىلىك تىكلەپ ئۆز شىركىتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

تۈركىيەدە ئۆزبېك، قازاق، تاتارغا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەردىن ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەردە ۋەزىپە ئۆتەپ  پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان كىشىلەر بار بولۇپ، نەسىبە ھەزرەت خانىم بولسا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن  سىياسىي پارتىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان  تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.