تۈركىيە مۇفتىسى: «خىتاي ھۆكۈمىتىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىمۇ؟»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.07.12
turkiye-xitay-din.jpg خىتاي ئۆمىكى تۈركىيە دېڭىزلى شەھەرلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇفتىسى مەھمەت ئاشىق ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. 2018-يىلى 10-ئىيۇل.
RFA/Arslan

خىتاينىڭ شاڭخەي شەھەرلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي خۇا باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆمىكى 10-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە دېڭىزلى شەھەرلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇفتىسى مەھمەت ئاشىق ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن.

دېڭىزلى شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى مۇفتىلىق ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتكە تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى رەھبەرلىك ۋە تەپتىش كومىتېتىنىڭ باش مۇپەتتىشى ئىبراھىم خاتىپئوغلى، 23-نۆۋەتلىك تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت سالىھ ئەردوغان ۋە دېڭىزلى شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇفتىسى ھەسەن ھۆسەيىن قاتارلىقلار قاتناشقان.

زىيارەت جەريانىدا سۆز قىلغان مۇفتى مەھمەت ئاشىق ئەپەندى خىتاي خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ يىراق تارىخقا تۇتۇشىدىغانلىقىنى، خىتاي ئۆمىكىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي شەھەرلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي خۇا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سىزلەرنى زىيارەت قىلدۇق. تۈركىيەدە ھەر خىل دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ ھەمدە دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ تىنچ-ئىتتىپاق ۋە بىخەتەر ياشاۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىي تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايمىز. تۈركىيەدە بىزلەرگە كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇقىڭىزلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز.»

مۇفتى مەھمەت ئاشىق ئەپەندى تۈرلۈك دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ بىر يەردە ئىناق-ئىتتىپاق ياشىغانلىقىغا دائىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆمىكىگە سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن نام بىلەن بىلىنگەن، شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام بىلەن تونۇلغان رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېسىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ خەۋەرلەرنىڭ راست بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەردىن سوراپ باقسام، بۇ خەۋەرلەر توغرىمۇ؟»

مۇفتى مەھمەت ئاشىقنىڭ سوئالىغا شاڭخەي مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي خۇا گەپنى ئەگىتىپ يۈرۈپ جاۋاب بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى خۇددى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاشلا دىن بىلەن سىياسىي ئايرىلغان بىر دۆلەت. بىز مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا ياردەمچى بولۇۋاتىمىز. بۇ زىيارىتىمىزدە دۆلىتىڭىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مول تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دېڭىزلى شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.