ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خېتىدىن زۇلۇمنى توسالايدىغان ئىرادىنى كۆرەلمىدىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.01.25
mewlut-chawushoghli.jpg ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىيەدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدىكى يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 27-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر سوئالىغا 18‏-يانۋار كۈنى جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە سەزگۈرلۈكىنى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ بولسا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ جاۋاب خېتىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمنى توسالايدىغان ئىرادىسىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يازغان جاۋاب خەتتە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا دۇنيا ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كىشىلىك ھوقۇق قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ 'تېررورچىلار' ۋە ئەسەبىلەردىن پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن. 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇنىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا سۇنغان سوئال خېتىگە بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلەنگەن. ئەمما ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز ئاچمىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقمۇ بىلدۈرمىگەن.

پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ چاۋۇشئوغلۇغا يازغان 6 ماددىلىق تەلەپ خېتىدە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ غايىب بولۇۋاتقانلىقىدىن چاۋۇشئوغلۇنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقى، تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۇنىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردە نېمە ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ جاۋاب خېتىدە ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا بىنائەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مەزكۇر خەتنى سۇنغان «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. 

ئۇ، چاۋۇشوغلۇ يازغان خەتتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توسالاش ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يازغان خەتنىڭ جاۋابىدىن قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توسالايدىغان ئىرادىنى كۆرەلمىدۇق. خىتايلار قۇرغان ‹جازا لاگېر›لىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان ئونلىغان زۇلۇمنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتقان بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق».

ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ ئەپەندى غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقاندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنداق پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار: تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاۋازىنى چىقارماسلىقىنى توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن». 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تۆتىنچى پارتىيە بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەزكۇر مەسىلىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭمۇ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز». 

ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ئاھالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەر-ناھىيەلىرىدە «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن» تېمىسىدا نامايىش، بايانات بېرىش ۋە دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇنداق ئاجىز پوزىتسىيەدە جاۋاب خېتى يېزىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ 

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ خىتايدىن بەزى نەرسىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق جاۋاب خېتى يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەڭ تۈرك ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسىدىن سىرت خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى گەرگەرلىئوغلىمۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەت يازغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.