تۈركىيەنىڭ 5 شەھىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى
2019.01.28
تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن دوكلات بېرىش، مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. 25-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدىكى باشاش شەھەر رايونىدا «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇما» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. چىنار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر پائالىيەتنى تۈركىيە مائارىپ بىر ئۇيۇشمىسى، باشاق شەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئاناتولىيە ياشلار تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە 400 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇما» ماۋزۇلۇق پائالىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىن 3 يىل بۇرۇن چىققان، ھازىر 41 تۇغقىنى تۈرمە ۋە «جازا لاگېرلىرىغا» تاشلانغان 87 ياشتىكى نىياز داموللام گۇۋاھلىق بەرگەن. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈرك خەلقى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرماقتا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەخەت ئابدۇرەھىم ئەپەندى، 18-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى رىزە شەھىرىدە، 22-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ قوجائېلى ۋىلايىتىنىڭ گەبزە ناھىيىسىدە، 26-يانۋار كۈنى بولسا ئەرزۇرۇم شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، بۇ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
26-يانۋار شەنبە كۈنى ئاخشام تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئاقگۈن مېھمانخانىسىدا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان زىيالىيلار ئۇيۇشمىسى «تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈگىمىگەن كۆز يېشى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرغان. يىغىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇلئەخەت ئابدۇرېھىم ئەپەندى ئالدىمىزدىكى 31-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلنىڭ كارتال رايونىدا دوكلات بېرىش يىغىنى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ساكاريا ۋىلايىتىنىڭ ئاق يازى ناھىيىسىدە چوڭ نامايىش، 3-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ بەيقوز رايونىدا چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.