تۈرك دۇنياسى ئىپتار پروگراممىسىدا «ئۇيغۇرلار ۋە ئۈرۈمچى كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2013.07.26

تۈركىيىنىڭ ئەسكىشەھەر ۋىلايىتى 2013 يىلى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى بولۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر كۈنى دېگۇدەك تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 25 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى «ئۇيغۇرلار ۋە ئۈرۈمچى كېچىسى» دېگەن نامدا ئەسكىشەھەرنىڭ جۇمھۇرىيەت ۋە تۇنالى مەھەللىسىدە ئىپتار پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى گۆنگۈر ئازىم تۇنا قاتارلىق 2500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. تۈرك سەنئەتچى ئەخمەت يېڭىلمەسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈلدىكى سۆزلەر دېگەن پروگراممىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
كېيىن ئەخمەت يېڭىلمەس سۆز قىلىپ، ئوسمان باتۇرنىڭ ئۆلۈمى ئالدىدىكى ۋەقەلەرنى ۋە ئوسمان باتۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىتىپ يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى. سەنئەتچى ئەخمەت يېڭىلمەس ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا سۆزلەۋىتىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالدى.
پائالىيەتتە يەنە، ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى گۆنگۈر ئازىم تۇنا ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجى بولغان ھەر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ۋالىي ئازىم تۇنا ئەپەندى يېقىندىن بۇيان دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان قايغۇلۇق ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: يۇنۇس ھەمرانىڭ ئىنسانلارغا مېھرى - شەپقەت كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش بىر دۇنيانىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنيا مېھرى - شەپقەتتىن ئۇزاق زالىم بىر دۇنيادۇر. رەھىمسىز بىر دۇنيادا قان تۆكۈلۈۋاتىدۇ، ياش ئېقىۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا مەۋجۇت بولغاندىن باشلاپ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدا كۈرەش بولۇپ كەلدى. بۈگۈن بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئەسكىشەھەردە تۇرۇۋاتىمىز. بۇ كېچە مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ يەردىن سالام بېرىمىز. ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز ۋە چوڭقۇر مېھرى - شەپقەت يوللايمىز.
ئەسكىشەھەرنىڭ 2013 - يىلى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى بولۇپ بەلگىلەنگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋالىي ئازىم تۇنا ئەپەندى، تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە كەلگۈسىمىزگە، بىزنى بىز قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەتلىرىمىزنى چوقۇم بىر ئۇسۇلدا ئۆگىتىشىمىز كېرەك، دېدى.
پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى، مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «كەتمە ئەي مۇساپىر» دېگەن شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتىسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنى قىزغىن ھاياجانغا سالدى، بەزى كىشىلەر شېئىرنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.
پائالىيەتتە يەنە شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمەن تامىقىنى قانداق تەييارلايدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق كۆرسەتتى.
ئىپتار ۋاقتى كېلىشى بىلەن يىغىن ئەھلى بىردەك قول كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. يىغىن مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار لەپىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ۋە ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.